ئېغىز پۇراش ۋە كېسەللىك
ساغلام ئادەم ئەگەر ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلسا، نەپەس ئالغاندا ئېتىبارغا ئالغۇدەك ئالاھىدە پۇراق چىقارمايدۇ. بىراق ئېغىز بوشلۇقى، نەپەس ئېلىش يوللىرى ياكى بەزى ئىچكى ئەزالاردا مەلۇم كېسەللىك بولسا، خىلمۇخىل نەپەس پۇراقلىرىنى چىقىرىدۇ.
سېسىق پۇراق: ئېغىزنى ئېچىپ تىنىغاندا سېسىق پۇراق چىقىدۇ، سەۋەبى ئاشقازان ئىسسىق بولۇپ، تاماقنى سىڭدۈرەلمەسلىك، چىش ئەتراپى ياللۇغلىنىش، يىرىڭلاش، ئىغىز بوشلۇقى يارىلىنىش، قۇرت يېگەن چىشنىڭ كاۋاكلىرىغا يېمەكلىكلەرنىڭ قالدۇقلىرى كىرىۋېلىپ چىش، يىرىڭلىق بادام تەنچە ياللۇغى، بادام تەنچە يوشۇرۇن ئويمىنىغا يىرىڭ يىغىلىپ قالغانلىقتىن، تىنىق چىقارغاندا سېسىق پۇراق چىقىدۇ. يىگلەش مەنبەلىك بۇرۇن ياللۇغى، قوشۇمچە بۇرۇن كاۋاك ياللۇغى، بۇرۇن ئۆسمىسى ياكى بۇرۇن بوشلۇقىدا يات ماددىلار بولسا يەرلىك ئورۇندا ياللۇغنى پەيدا قىلىپ، ئىچكى ئاجراتمىنى كۆپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يىرىڭ ۋە نېكروزلانغان توقۇلمىلار، شۇنداقلا كۆپ مىقداردىكى باكتېرىيىلەر بولۇپ، بۇرۇن ئارقىلىق تىنىق چىقارغاندا بۇرۇن بوشلۇقىدىن كىشىنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇراق چىقىدۇ. ئۆپكە يىرىڭلىق يارىسى، كانايچىلار كېڭەيگەن كېسەللەردە نۇرغۇن يىرىڭلىق بەلغەم بولۇپ، تىنىغاندا سېسىق پۇراق چىقىدۇ. تاماقنى ھەددىدىن ئارتۇق يەپ ھەزىم قىلالمىغاندا ياكى يېمەكلىكلەرگە دىققەت قىلماي يېگەندە پەيدا بولغان ئاشقازان ياللۇغىدا، يېمەكلىك ئاشقازاندا ئېچىغاندا تىنىقىدىن ئاچچىق چىرىگەن پۇراق چىقىدۇ.
ئالمىنىڭ پۇرىقىدىن تاتلىق پۇراق چىقىش: بۇ كىتوننىڭ پۇرىقى بولۇپ، كىتون مايلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنىڭ مەھسۇلى. نورمال ئەھۋالدا شەكىللەنگەن كىتون توقۇلمىلار تەرىپىدىن ئوكسىدلىنىدۇ.
قان پىلازمىسىدىكى كىتوننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى %mg0.8~0.2 دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. قەنت سىيىش كېسەللىكىدە ھەرخىل سەۋبلەر تۈپەيلىدىن (ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ياللۇغى، سىرتقى يارىلىنىش، چوڭ ئوپېراتسىيە، ناركوز، ھامىلىدارلىق، تۇغۇت مەزگىلى، قالقانسىمانبەز خىزمىتى ئېشىپ كېتىش، ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاش ئۈزۈلۈپ قېلىش ياكى مىقدارى يەتمەسلىك، كېسەلدە ئىنسۇلىنغا چىدامچانلىق پەيدا بولۇش قاتارلىقلار) بەدەندىكى ئىنسۇلىن نىسبىي ياكى مۇتلەق كەمچىل بولىدۇ، شېكەردىن پايدىلىنىش ئازلايدۇ. ماي بىلەن ئاقسىلنى پارچىلاش تېزلىشىدۇ. پەيدا بولغان كۆپ مىقداردىكى كىتون ئوكسىدلىنىش بىلەن سىرتقا چىقىرىلىشقا ئۈلگۈرمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋال قاندىكى كىتوننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى ئۇزۇن ۋاقىت ئاچ قېلىش، شېكەر بىلەن تەمىن ئېتەلمەسلىك سەۋەبىدىن، بەدەندىكى ماي بىلەن ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى كۈچىيىدۇ-دە، ئوخشاشلا كىتون كۆپىيىپ كېتىدۇ.
ئاممىياك پۇراش ياكى سۈيدۈك پۇراش: سۈيدۈك بىلەن ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەنگەن كېسەللەرنىڭ بۆرەك خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدە زەخىملەنگەنلىكتىن، كېرەكسىز ماددىلارنى دائىم سىرتقا چىقىرالمايدۇ. بۇ ئەھۋال ئازوت ۋە باشقا ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاندىكى كرېئاتىن ۋە ئۇرېئالىق ئازوتنى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىتىۋېتىدۇ-دە، كېسەل نەپەس چىقارغاندا بىر خىل ئالاھىدە سۈيدۈك پۇرىقى ۋە ئاممىياك پۇرىقى چىقىدۇ.
چاشقان پۇرىقى: جىگەر ئېغىر دەرىجىدە زەخىملىنىشتىن بولغان جىگەر بىھوشلىقىدا نەپەس چىقارغاندا دائىم بىر خىل ئالاھىدە چاشقان پۇرىقى پۇرايدۇ. بۇ خىل پۇراق مېتىئونىننىڭ ئارىلىق ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتى دېمىتىل سۇفىدى ۋە مېتىل مىركاپتان جىگەر تەرىپىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئالمىشالماي بەدەندە يىغىلىپ قېلىپ، نەپەس ئارقىلىق چىقىرىلىشقا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
سامساق پۇرىقى: ھەرخىل ئورگانىك فوسفورلۇق يېزا ئىگىلىك دورىلىرى بىلەن زەھەرلەنگەندە، سامساقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشاش بىر خىل ئالاھىدە پۇراق پۇرايدۇ. ئۇقۇشماستىن چاشقان دورىسى –سىنىك فوسفورنى ئىچىپ قويسىمۇ ئېغىزدىن سامساق پۇرىقى كېلىدۇ.
باشقىلار: چىش مىلىكى قاناش، يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرى قاناش ياكى كانايچىلارنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبىدىن، قان تۈكۈرگەن كېسەللەرنىڭ ئېغىزىدىن دائىم دېگۈدەك قاننىڭ سېسىق پۇرىقى كېلىدۇ. كۆن-خۇرۇم ئىشلەش ئىشچىلىرى ھىدروسۇلفىد بىلەن زەھەرلەنگەندە، سېسىق تۇخۇم پۇرىقىدەك پۇراق چىقىرىدۇ. خىمىيە ئوغۇت سانائىتىدە ئامىياك بىلەن زەھەرلەنگەندەك كېسەلنىڭ نەپىسىدىن دائىم بىر خىل ئالاھىدە ئامياك گازىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.