ئېغىزدىكى تەمنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن كېسەلنى بىلىش ئۇسۇلى
كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە يۈرۈش-تۇرۇشى پەسلىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ غىزالانغان چاغدا ئېغىزدىكى شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كۆپىيىپ، پاراسىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ، تىل شىللىق پەردىسىدىكى تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر جانلىنىپ، ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تولۇق ئېچىلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئېغىزدا غەيرىي تەم سېزىمى پەيدا بولسا، بۇ ھالدا ئورگانىزمدىكى مەلۇم ئەزا ياكى مەلۇم قىسىمدا كېسەللىك كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.
ئېغىز چۈچۈمەل بولۇش: كۆپ ھاللاردا جىگەر-ئۆت ماددىسىنىڭ تال ۋە ئاشقازانغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاشقازان يارىسى ۋە ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك ئاشقازان يارىسىغا گىرىپتار بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ كۆپ ئاجرىلىپ چىقىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ شۆلگىيىدىكى سۈت كىسلاتاسى ۋە فوسفات كىسلاتا ئىنزىم تەركىبى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ.
ئېغىز تاتلىق بولۇش. ھازىرقى تېببىي ئىلىم تەتقىقاتى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقان بولۇشى، ھەرخىل ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى نورمالسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ شۆلگەيدىكى ئامىلازا مىقدارىنى كۆپەيتىپ، تىل شىللىق پەردىسىدىكى تەم سەزگۈچى ھۈجەيرىلەرنى غىدىقلاپ، ئېغىزدا تاتلىق تەم سەزگۈسى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شېكەر سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان شېكىرى يۇقىرى بولغاچقا ئېغىزدا تاتلىق تەم سەزگۈچى پەيدا بولىدۇ.
ئېغىز قىرتاق بولۇش: بۇ ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا، بولۇپمۇ جىگەر ئۆت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. تېببىي ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىك تەم سەزگۈسى يوقىلىپ، قىرتاق يېمەكلىلەرگە بولغان تەم سەزگۈسى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بارىدىكەن. بۇ بىمارنىڭ تىل قىسمىدىى قان ئايلىنىشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە شۆلگەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىچكى تەركىبىي ئۆزگەرگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
ئېغىز ئاچچىق بولۇش: بۇ ئاساسەن ئاشقازان ھارارىتى ئۆرلەشتىن كېلىپ چىقىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، نېرۋا فۇنكسىيىسى بۇزۇلۇش، ھەيز كېلىش دەۋرىدىكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم ئېغىزى ئاچچىق بولۇش سەزگۈسى پەيدا بولىدۇ. بۇ بىمارلارنىڭ تىل ھارارىتى يۇقىرى بولۇپ، تىل شىللىق پەردىسى تەم ۋە ئاغرىققا ئالاھىدە سەزگۈر كېلىدۇ.
ئېغىز تۇزلۇق بولۇش: سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى، ئېغىز يارىسى، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، بۆرەك ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلاردا دائىم مۇشۇنداق سەزگۈ بولىدۇ.
تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدا ناترىي، كالىي، كالتسىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ئىشقارلىقنى ئىپادىلەيدىكەن.
ئېغىز تۇزسىز بولۇش: بۇ تال زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭدا ئىشتىھا تۇتۇلىدۇ، پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىدۇ، ھازىرقى تېببىي ئىلىم بۇ خىل كېسەللىكنى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى دەپ قارىماقتا. بۇ كېسەللىك ئاساسەن ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىق، ۋىتامىن ۋە مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولۇش، ئاقسىل ۋە ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل كېسەللىك تىل سەزگۈ ھۈجەيرىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئېغىزنىڭ تۇز تەم سەزگۈسى يوقىلىدۇ.
ئېغىز خۇش پۇراق بولۇش: بۇ ئېغىر شېكەر سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئىنسولىن ئاجرىتىپ چىقىرىش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش، دورىلار قان شېكىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كونترول قىلالماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شۆلگەي سۇيۇقلۇقىدىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى ئۆرلەپ ئېغىزدا خۇشبۇي تاتلىق تەم سەزگۈسى پەيدا قىلىدۇ.