چىشقا زىيان سالىدىغان قاتىل يېمەكلىكلەر
سېغىز كەمپۈت ، يەر ياڭىقى، سېرىق ياغلىق بولكا . ياغدا پىشۇرۇلغان ياڭيۇ، ناۋات ، شىكەرسىز قەھۋە . يۆتەل توختىتىش شەربىتى، يەر ياڭىقى ئارلاشتۇرۇلغان شاكىلات، قاتتىق شاكىلات كەمپۈت، ئالما، قايماقلىق پىچىنە ، مارۇژنى ، تاتلىق شاكىلات، شاكىلاتلىق پىچىنە ، ئاپلىسىن شەربىتى ، قايماقلىق كەمپۈت، تاتلىق قەھۋە ، قاينىتىپ پىشۇرۇلغان تاتلىق يىمەكلىكلەر. دىيابىت كېسىلى بارلار، قان تەركىبىدە قەنىت مىقتارى يۇقىرى كىشىلەر چىش تارتقۇزۇشتىن چىش تارتقۇزۇشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك. چىش ئەتراپى بار كىشىلەر تاماكا چەكمەسلىك كېرەك . چىش تارتقۇزغانلار ۋىتامىن Cنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ۋىتامىن كۆپ مېۋىلەرنى يىيىش كېرەك. قورامىغا يەتمىگەنلەر كۈنىگە 60-70 مىللىگىرام ۋىتامىن C نى ئىستىمال قىلىشى كېرەك . سەرەڭگە تېلىدا چىش كوچىلىسا كالىي خرومات تەركىبىدىكى راك پەيدا قىلغۇچى خروم ئېغىز ئارقىلىق بەدەنگە كىرىپ ئۆپكە راكى قاتارلىق كېسەللىكەرنى پەيدا قىلىدۇ. چۈچۈمەل مېۋىلەرنى يىگەندە چىش ئوڭاي قاماپ قالىدۇ. بۇ چاغدا پەقەت سامساق ياكى غول پىياز ، يېڭى زەنجىۋىلنى ئېزىپ قاماپ قالغان چىش ئارىسىغا قويۇپ 1-2 مىنۇت چىشلەپ بەرسە بولىدۇ.