كىرپىك-قاپاق كېسەللىكلىرى

كۆزگە قۇم تىقىلغاندەك بولۇش

    كۆزگە قۇم تىقىلغاندەك بولۇش (كۇمنەتۇلجەفەنى) كۆپىنچە ئۇيقۇدىن كېيىن كۆزگە قۇم ياكى توپا كىرىپ كەتكەندەك بىلىدىغان ئەھۋالغا قارىتىلغان بولۇپ، ياشانغانلاردا ۋە قورغاق جايلاردا يۈرگۈچىلەردە كۆپ ئۇچرايدۇ.
   سەۋەبى: ئۇخلىغاندا ناچار، يەللىك ماددىلارنىڭ قاپاق ۋە گىرۋەكلىرىگە توپلىشىپ قالغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ.
   ئالامىتى: يەللىك ماددىلار قاپاق ھەرىكىتىگە توسالغۇ پەيدا قىلغاچقا، ئۇيقۇدىن كېيىن كۆز ئاچقاندا كۆزگە قۇم، توپا كىرىپ قالغاندەك بىلىدۇ.
   داۋاسى: بىمارنىڭ مىزاجىنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ قان ئېلىش ۋە مۇھسىل دورىلار بىلەن بەدەندىكى يەللىك ماددىلارنى تازىلاش لازىم. ھەببى سەبرى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن قاپاق گىرۋەكلىرى ۋە سۇيۇقلۇق قاتلىمىنى تەنقىيە قىلىش ئۈچۈن شىيافى ئەھمەرلەيىن، شىيافى سۇمبۇلغا ئوخشاشلار ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن زەرۇرى ئەسفەر كەبىرى، شىيافى ئەھمەرھار، كوھلى باسلىقۇن قاتارلىقلار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كۆزگە تارتىلىدۇ.
    بادام يېغى، بىنەپشە يېغى، ئانا سۈتى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ كۆزگە تېمىتىش، سەبرىنى يۇمشاق سوقۇپ سۇيۇلدۇرۇپ، كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتىش مەنپەئەتلىك.
   كۆزنى دائىم ئىلمان سۇدا يۇيۇش ياكى ھەر كۈنى ئەتىگەندە مۇنچىغا چۈشۈش كېرەك. ئوزۇقلىنىشتا ئاشقازاننى كۈچلەندۈرىدىغان، تەبئىي يۇمشايدىغان سىڭىشلىك تاماقلارنى ئىستېمال قىلىش، كالا گۆشى ۋە ھەرخىل پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر.
    كونا سۈت، قېتىق، قايماقلاردىن پەرھىز قىلىش، چاچنى پاكىزە تۇتۇش، كۆزنى سۈت بىلەن يۇيۇش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button