قاپاق يەللىك ئىششىقى
قاپاق يەللىك ئىششىقى ( تەھەببۇجۇلئەجفانى) قاپاقتىكى يەلدىن بولغان ئىششىققا قارىتىلغان بولۇپ، بەزىدە پەيدا بولۇپ، بەزىدە يوقاپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.
سەۋەبى: ئاساسلىقى ئاشقازان، ئۈچەي، جىگەر، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ بىرەرسى ئاجىزلاپ، ماددا ئالمىشىش (بەدەلى مايەتەھەللەلۇ) خىزمىتىدە نورمالسىزلىق پەيدا بولسا، قاپاقتا ئىششىش كېلىپ چىقىدۇ.
1. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەزالارنىڭ بىرەرسىدە ئەسلىي ھارارەت ئاجىزلاپ سوغۇقلۇق ياكى ھۆللۈك ئېشىپ كەتسە، ھەزىم قىلىش، ماددا ئالمىشىش ئاجىزلاپ، قاپاقنىڭ يەللىك ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك خىزمىتى ناچارلاشقاندىمۇ پۈتۈن بەدەننىڭ، جۈملىدىن قاپاقنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەزالارنىڭ بىرەرسىدە بەلغەم خىلىتىدىن بولغان ئىششىق پەيدا بولسا، قاپاقنىڭ ئىششىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئالامىتى: قاپاق ئىششىقى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كېسەللىك بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىچكى ئەزالارنىڭ بىرەرسىدە كېسەللىك بارلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ئۇنى قاپىقىم ئىششىپ قالدى، دەپ شىكايەت قىلىدۇ. ئىششىق بەزىدە يوقىلىپ، بەزىدە پەيدا بولۇپ قالىدۇ. كېسەل كىشىدە سىرتقى جەھەتتىن زەخمىلەنگەنلىك تارىخى بولمايدۇ.
داۋاسى: ئالدى بىلەن ئىششىقنىڭ قايسى ئىچكى ئەزادىكى كېسەللىك تۈپەيلىدىن بولغانلىقىنى ئىنىقلاش كېرەك. ئەگەر قايسى ئەزادىن بولغانلىقى سېزىلسە شۇ ئەزانى داۋالاش، شۇ ئەزانىڭ مىزاجىنى تۈزەش ۋە بەدەننىڭ ھەزىم قىلىش، ماددا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش لازىم. شۇنداق قىلغاندىلا قاپاق ئىششىقىنى تېگىدىن ساقايتقىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىششىغان قاپاققا ئامال قىلىش ھاجەتسىز.