قاپاق قىچىشىش خاراكتېرلىك ئىششىق
قاپاق قىچىشىش خاراكتېرلىك ئىششىق ( شەرا ) قاپاقتا قىچىشىش بىلەن بىرگە كۆرۈلۈگەن ئىششىققا قارىتىلغان.
سەۋەبى: سەپرا، قان ۋە ئاچچىق بەلغەمنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن پەيدا بولىدۇ. بەزىدە بۇ ئۈچ خىل ماددىنىڭ ئىككىسى ياكى ھەممىسىدىن مۇرەككەپ ھالدا كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: دەسلەپتە قاپاق قىچىشىپ، قىچىشقانسېسىرى ئۇششاق ئىششىقلار پەيدا بولىدۇ. ئىششىق كۆپىنچە كېچىسى ئېغىرلىشىدۇ.
سەپرا خاراكتېرىسىدە قىچىشىش، قان خاراكتېرىدىكىسىدە قىزىللىق كۈچلۈكرەك بولىدۇ. بەلغەم خاراكتېرىدىكىسىدە بىمار ھۇرۇن بولۇپ قالىدۇ.
دەۋاسى: ئالدى بىلەن قىيفال تومۇرىدىن ئازراق قان ئېلىش، ئەينۇلا، قارىئۆرۈك قاينىتىلمىرىنى ئىچكۈزۈش ياك تەمرى ھىندى ۋە سېرىق ھېلىلە قاينىتىلمىرى، خېمىرى بىنەپشىلەرنى ئىچكۈزۈش ئارقىلىق ئىچىنىسۈردۈرۈشتەك يەڭگىل داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىش كېرەك.
سەپرانى قايتۇرغۇچى ۋە سوۋۇتقۇچى، قەينى توختاتقۇچى، تەبئىي سوغۇق، تەمى تاتلىق نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم. ئەينۇلا، قارىئۆرۈك، ئانار، غورا، ئارپا سۈيى ۋە ھەرخىل مېۋىلەر سۈيى قاتارلىقلارنى يۇيۇلغان شادىنەج تالقىنى بىلەن قاپاققا سۈركەش، سېرىق ھېلىلە پوستى چىلانغان قىزىلگۈل ئەرقىنى كۆزگە تېمىتىش لازىم. ئىسپىغۇل ئۇرۇقى شىرنىسىنى ئەرقى گۈل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، قاپاققا سۈركىسىمۇ بولىدۇ.