كىرپىك-قاپاق كېسەللىكلىرى

قاپاق ساڭگىلاش

    قاپاق ساڭگىلاپ قېلىش ( ئىستىرخائئۇلجەفەنى) قاپاق بوشىشىپ ساڭگىلاپ قېلىپ، كۆزنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزگەنلىكىگە قارىتىلغان. ئۇ، تۇغما خاراكتېرلىك ھەم ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك قاپاق ساڭگىلاش دەپ ئىككى خىل بولىدۇ.
   سەۋەبى: قاپاقنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشى بىرلا ياكى ئىككىلا قاپاقتا كۆرۈلىدۇ. تۇغما خاراكتېردىكىلەردە كۆپىنچە ئىككىلا قاپاق ساڭگىلاپ قالىدۇ. بۇ، ھامىلىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلمىغانلىقى، بولۇپمۇ قاپاق گۆشلىرىنىڭ تولۇق تەرەققىي قىلمىغانلىقى، بولۇپمۇ قاپاق گۆشلىرىنىڭ تولۇق تەرەققىي قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
بەزى كىشىلەردە نەسەب تارتىش ( ئىرسىيە ) خاراكتېرىدىمۇ بولىدۇ.
    ئىككىنلەمچى خاراكتېردىكىسى كۆپىنچە بەلغىم خىلىتى يەنى ھۆللۈك ئېشىپ كېتى، تۆتىنچى ھەزىمنىڭ بۇزۇلىشىدىن يەرلىك ئورۇن قۇۋۋەتسىزلىنىپ پەيدا بولىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەردە توقۇلمىلارنىڭ قىسمەن ھالدا بۇزۇلىشى يەنى سىرتقى جەھەتتىن زەخمىلىنىش ( مەسىلەن: چېكە ئەسەبلىرىگە بىر نەرسە تېگىپ كېتىش ) قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ قاپاقنىڭ ساڭگىلاپ قېلىشى كېلىپ چىقىدۇ.
    ئالامىتى: تۇغما خاراكتېرلىك ۋە نەسەب سەۋەبىدىن بولغان قاپاق ساڭگىلاپ قېلىشتا، قاپاقنىڭ ساڭگىلاش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق بالا كۆزىنى ئاچالماي، كېيىن تەدرىجىي ھالدا قاپاق ساڭگىلىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ.
   ئىككىلەمچى خارەكتېرلىك قاپاق ساڭگىلاپ قېلىشتا، ساڭگىلاش دەرىجىسى يىنىك بولسا، قاپاق كۆزنى يېرىم توسىۋالىدۇ. ئەگەر ئېغىر بولسا، كۆزنى پۈتۈنلەي توسۇپ، كۆزنى نورمال ئاچقۇزمايدۇ. ئەگەر ئۇ، ھۆللۈك بەك ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا، ياش كۆپ چىقىپ، باش ئېغىرلىشىپ، كۆز چىڭقىلىدۇ. ئۇخلاپ قوپقاندىن كېيىن قاپاق بەكرەڭ ساڭگىلاش، ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئوڭلىنىپ قېلىش، سوغۇقتا كۈچىيىش، ئىسسىقتا يەڭگىلەشتەك ئالامەتلەر بولىدۇ. قاپاق گۆشلىرى بوشىشىپ كەتكەنلىكتىن بولسا، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرغاندا قاپاق ساڭگىلاش يېنىكلەيدۇ. ھېرىپ چارچىغاندا قاپاق ساڭگىلاش ئېغىرلىشىدۇ.
سىرتقى زەخىمىلىنىشلەردىن بولغانلىرىدا زەخىملىنىش تارىخى بولىدۇ.
    داۋاسى: ئالدى بىلەن سەۋەبلەرنى يوقىتىش، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى تازىلاپ، مىزاجنى تەڭشەش كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىن پالەچكە قىلىنىدىغان چارىلەرنى قىلسا بولىدۇ. ئايارەجلەر ۋە ئىترىفىل كەبىر قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. بوز بۇغىنى سۇ بىلەن سۈركەپ سۈيىنى قاپاققا سۈركەش، قۇندۇز قەھرىدىن ئىككى گرام ئېلىپ يۇمشاق يانجىپ، زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئاز- ئازدىن قاپاققا چېپىش كېرەك. ئەگەر، يۇقىرىقى ئۇسۇللاردا داۋالىسىمۇ ئۇزۇنغىچە ساقايمىغانلارنى بولۇپمۇ تۇغما خاراكتېرلىك قاپاق ساڭگىلاشنى مەخسۇس دەستىكارلىق تۈزەش ئۇسۇللىرى بىلەن داۋالاش كېرەك. ئەمما قاپاق قۇۋۋەتسىزلەنگەنلىكتىن پەيدا بولغان قاپاق ساڭگىلاشنى دەستىكار ئۇسۇلى بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button