كىرپىك-قاپاق كېسەللىكلىرى

قاپاققا تۈگۈنچەك چىقىش

    قاپاققا تۈگۈنچەك پەيدا بولۇش ( ئوقدەتۇلجەفەنى) ئۇستۇنكى قاپاق تېرە ئاستىغا قاتتىق تۈگۈنچەك پەيدا بولغانلىقىغا قارىتىلغان.
   سەۋەبى: سەۋدا خىلىتىنىڭ ئۈستۈنكى قاپاققا تۆكۈلگەنلىكىدىن پەيدا بولىدۇ.
   داۋاسى: دەسلەپتە يەللىك تاماقلاردىن پەرھىز قىلىش، سەۋدا خىلىتىنى قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىچكى- تاشقى تەرەپتىن ئىشلىتىش لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن قاپاقنى ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇش، قايناق سۇغا چىلانغان لۆڭگە ياكى گرېلكا بىلەن ئىسسىق ئۆتكۈزۈش كېرەك. مومنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاپاققا چېپىش، شۇمشا ۋە زىغىرنىڭ شىرىسى ( لوئابى) نى چىقىرىپ سۈركەش، تۈگۈنچەك يۇمشىغاندىن كېيىن ئۇنى تارقىتىش ئۈچۈن مەلھىمى داخىليۇن قاتارلىق يۇمشىتىپ تارقاتقۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم.
ئەگەر، تۈگۈنچەك بارغانسېرى چوڭىيىپ، رەڭگى كۆكۈچ بولۇپ قالسا ھەمدە ئۇنىڭدىن تومۇردەك نەرسىلەر ئەتراپقا تارقىسا، يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ. بۇنىڭدا دورىلار بىلەن داۋالايمەن دەپ ھەپىلەشمەي، دەستىكار ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button