كىرپىك چۈشۈش
كىرپىك چۈشۈش ( ئىنتىشارۇلئەھدابى ) كىرپىكىنىڭ مەلۇم ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆكۈلىشىگە قارىتىلغان.
سەۋەبى: كىرپىك چۈشۈش كۆپىنچە تۈك ئۆستۈرگۈچى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ تولۇق يېتىشمەسلىكى، ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشى، بەلغەم، سەۋدا خىلىتلىرى ياكى قۇرۇقلۇقنىڭ غالىپ بولۇشى، قاپاق گىرۋەكلىرىنىڭ زەرەرلىنىشى ۋە تەپ كېسەللىكلىرىدىن كېيىنكى بەدەن تۈكلىرى تۆكۈلۈش ( دائىل سۆئلەب) كېسەللىكى بىلەن كېسەللىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بەزى كىشىلەردە ماخاۋ كېسىلى ( جۇزام) تۈپەيلىدىن قاش، كىرپىكلەر چۈشىدۇ.
ئالامىتى: ھۆللۈكتىن بولغان بولسا، ھېچقانداق بىر بەلگە كۆرۈلمەيلا كىرپىك ئۆزلۈكىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. قۇرۇقلۇقتىن بولغان بولسا، قاپاق چۆرىسى قىچىشىش، قىززىرىش، كېپەكلىشىشتەك قۇرۇقلۇقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
داۋاسى:
ئىچكى داۋاسى: ئەگەر، ھۆللۈكتىن بولغان بولسا، زىيادە بەلغەم خىلىتى تازىلىنىپ مۇۋاپىق سۈرگە بېرىلىدۇ.
تاشقى داۋاسى: ئىچكى جەھەتتە زىيادە بەلغەم خىلىتىنى تازىلاش بىلەن بىرگە سىرتقى جەھەتتىن كوھلى رۇشنائىنى كىرپىككە تارتىش كېرەك. قۇرۇقلۇق ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولغانلارنى ھۆللەشتۈرۈش ئۈچۈن زەيتۇن يېغى، ئۆردەك يېغى، توخۇ يېغى قاتارلىقلار بىلەن ياغلاش ھەمدە ئىسپىھان سۈرمىسى سۈركەش كېرەك. ئەگەر كىرپىك تۈۋى قىچىشسا، ھەجرۇل ئەرمىنىنى سۈركۈش لازىم. كىرپىك تۆكۈلۈش دائۇسسۆئلەبتىن بولغان بولسا، كىرپىككە سۈرمە رۇشنائىنى سوركىسە ياكى تۆۋەندىكى چارىنى قىلسىمۇ بولىدۇ.
خورما ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۈپ سۇمبۇل، لاجىۋەرد، كۇندۇر تۈتۈنىنى ئېھتىياجقا لايىق ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كىرپىك ئۈستىگە سۈركەش لازىم.