كىرپىك ئاقىرىش
كىرپىك ئاقىرىش ( بەيازۇلئەھدابى) كىرپىكلەرنىڭ قىسمەن ياكى پۈتۈنلەي ئاقىرىپ كېتىدىغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى: ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلەرنىڭ ئەكس تەسىرى تۈپەيلىدىن شورلۇق بەلغەم قاپاق چۆرىسىدە تۇرۇپ قېلىپ، كىرپىك تەدرىجىي ھالدا ئاقىرىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قاپاق ۋە كۆز ئەتراپلىرىغا بەرەس كېسەللىكى پەيدا بولغاندىمۇ كىرپىك ئاقىرىپ قالىدۇ.
ئالامىتى: بەزىلەردە كىرپىك چالا ئاقىرىپ قالىدۇ. بۇ، كىرپىك ئاقىرىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. كىرپىك كۆپىنچە تولۇق ئاق كۆرۈنىدۇ. قاپاق بىر ئاز قىچىشىدۇ، بەزىلەر كۆز يەڭگىل ئېچىشىدۇ. خىلىتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن كېلىپ چىققان كىرپىك ئاقىرىشتا دەسلەپتە بىر-ئىككى تال ئاقىرىپ، كېيىن تەدرىجىي كۆپىيىپ كېتىدۇ ۋە شۇ خىلىتقا مۇناسىپ بەلگىلەر كۆرۈلىدۇ. بەرەس كېسەللىكى سەۋەبىدىن كىرپىك ئاقارغانلاردا ئاق كېسەللىك تارىخى بولىدۇ.
داۋاسى:
1. ئىچكى داۋاسى: ئالدى بىلەن كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى شور بەلغەم ماددىسى مەخسۇس مۇنزىج دورىلار بىلەن پىشۇرۇلغاندىن كېيىن مەخسۇس مۇسھىل دورىلار ئارقىلىق سۈرۈپ چىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەھۋالغا قاراپ ئايارەج پەيقىرا، ئىترىفىل كەبىر، سوفۇپى ھېلىلە، ھىيادان مەجۈنى بېرىلىدۇ.
2. تاشقى داۋاسى: (1) شاقايىق گۈلىنى زەيتۇن يېغى ياكى خوراز يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قاپاققا تېڭىش كېرەك. (2) شۇمشا ۋە ئاق لەيلىنىڭ يوپۇرمىقىنى سوقۇپ چېپىش لازىم. (3) توغرىغۇنى كۆيدۈرۈپ، چاۋا ياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كىرپىككە سۈركەش لازىم؛(4) كوھلى رۇشنائى تەييارلاپ سۈرمە قىلىپ تارتىش لازىم.
بەرەستىن پەيدا بولغان كىرپىك ئاقىرىشتا، بەرەسنى داۋالايدىغان دورىلارغا مۇۋاپىق دورىلارنى قوشۇپ ئىشلىتىش كېرەك. كىرپىك قارىيىشقا باشلىسا بەرەس كېسەللىكىنىڭ ساقىيىشىغا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر كىرپىك قارايمىسا بەرەسنىڭ ساقىيىشىدىن گەپ ئېچىش تەس، بەرەس يەنە قايتا قوزغىلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىرپىكنى قارايتىشقا تىرىشىش كېرەك.