بالىڭىزغا بەك بالدۇر كۆزەينەك تاقاپ قويماڭ
كۆزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، ئانىنىڭ قورسىقىدا ھامىلە ئىككى ئايلىق بولغاندىن كېيىن باشلىنىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ھامىلە كۆزى (胚眼) دەپ ئاتىلىدۇ. تۇغۇلۇپ 1 ئايلىق بولغاندىن كېيىن، بوۋاق بىر نەرسىنى كۆرگەندە ئاساسەن يورۇقلۇقنى ۋە قولنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى ھېس قىلالايدۇ. 2 ئايلىق بولغاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.01 بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بارا-بارا چوڭىيىدۇ. ئالتە ياشتىن ئاشقاندا، كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 گە يېتىدۇ. كۆپ ساندىكى بالىلار باغچىسى تۆۋەن يىللىقتىن باشلاپلا كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى 4 ياش بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى تەخمىنەن 0.6~0.8 بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.6 گە يەتمىسە، ئائىلە باشلىقلىرى دەرھال بالىلىرىنى مەخسۇس كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈتۈشى كېرەك.
يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققى قىلىشى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئالدى بىلەن ئىرسىيەت ئامىلى. مەلۇم بىر تەتقىقات شۇنى ئىسپاتلىدىكى، %55~%65 بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇش ئامىلى ئىرسىيەت، قالغان %35~%45 بولغانلىرىنى ئىش-ھەرىكەت، مۇھىت، ئوزۇقلىنىش قاتارلىق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
مەسىلەن بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان، تاماق تاللايدىغان بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن. تامىقىدا كالتسىي، تۆمۈر قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنت ۋە B تىپلىق ۋىتامىن كەم بولغاندىمۇ، يىراقنى كۆرەلمەسلىككە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر ئاز يۇقىرى بولىدىكەن.
مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەجرىبىسى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا تۈركۈمگە ئايرىش لازىم. بىزنىڭچە، بىرىنچى تۈركۈمدە چىڭ تۇتۇلىدىغىنى كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بالىلار. چۈنكى كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 دىن 0.9 غىچە بولغانلىرى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولۇش ئەھۋاللىرى، «گىرۋەك كۆرۈش قۇۋۋىتى» (边缘视力) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر كۆرۈش قۇۋۋىتى 1.0 بۇ چەكنى كونترول قىلالىغاندا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.6 دىن 0.9 بولسا، ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەر ھېسابلىنىپ، دەسلەپكى كېسەللىك قوزغىلىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنى تۈركۈمدىكىلەر بولسا كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.5 تىن تۆۋەن بولغانلار، ئاساسىي جەھەتتىن رەسمىي يىراقنى كۆرەلمەسلىكتۇر.
1.كۆزنى ئاسراش ئارخىپى تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇ خىل كۆز قاراش بىزنىڭ دوختۇرخانىدا پەيدا بولغىلى خېلى بولدى. لېكىن ئەمەلىيەتتە قىلىپ كەلگىنىمىزدە قىيىنچىلىقلار ھەرخىل بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
«بۈگۈنگە كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەر قەرەرلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئادەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ قاندىكى ماينىڭ ئېشىپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە، كاناي ياللۇغىنىڭ قانداقلىقىنى، ياكى سەمرىگەندىن كېيىن جىگەردە ياغ پەيدا بولدىمۇ-يوق؟ دېگەنلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولدى. ئەمەلىيەتتە كۆزمۇ قەرەللىك ھالدا ئاسراشقا موھتاج. كۆزنى كىچىك بىر ئەزا دەپ قارىماڭ، ئۇ ئالدى كەينى بولۇپ نۇرغۇن جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆز بۆلۈمىنىڭ ئۆزىلا، كۆز سىرتى كېسەللىكى، كۆز ئىچى كېسەللىكى، كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلى، گلائوكوما قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. بالىلارغا نىسبەتەن، كىچىكىدىن باشلاپ بىر نۇسخا كۆز ساقلىقىنى ساقلاش ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزۇش كېرەك. مەن ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرۈتۈش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بىرىمەن. بۇ دوختۇرلارغىمۇ كۆزنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى بىلىشكە قولايلىق يارىتىپ، باشقا كېسەللىكلەرنىمۇ ۋاقتىدا بايقاشقا ياردىمى بولىدۇ.» دەيدۇ خۇاڭ لىڭشيۇڭ پىروفېسسور.
2. كۆزنى ئىشلىتىشتە ئىلمىي بولۇشقا دىققەت قىلىپ، «ئىككى قىلىش ئىككى قىلماسلىق» نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئوقۇش يېزىش قىياپىتى رۇس بولۇش، بىر سائەت ئوقۇش يېزىش ئىشلىرىنى قىلغاندىن كېيىن يىراققا قاراپ بېرىش» ھەمدە «كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدا كىتاب كۆرمەسلىك خەت يازماسلىق، كارىۋاتتا يېتىپ ياكى ماشىنىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرمەسلىك» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىتاب ئوقۇغاندا خەت يازغاندا، بەدەن بىلەن يېزىق ئۈستىلىنىڭ ئارىلىقى بىر مۇش يىراقلىقتا بولۇشى، كۆز بىلەن كىتابنىڭ ئارىلىقى بىر چى بولۇشى، خەت يازغان قول بىلەن دەپتەرنىڭ ئارىلىقى بىر سۇڭ بولۇشى، قەلەمنىڭ ئۇچىدىنمۇ بىر سۇڭ ئۇزۇنلۇق چىقىپ تۇرۇشى كېرەك. مانا بۇ كىشىلەر دائىم دەيدىغان « بىر مۇش بىر چى بىر سۇڭ» دۇر.
3.توغرا بولغان كۆز گىمناستىكىسى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. «دوختۇرخانىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا، كۆز ئاسراش گىمناستىكىسىنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈشىنى ئىلىپ بارغان. ئۇلترا قىزىل نۇر تېرمال تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، گىمناستىكىدىن كېيىن، كۆز ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ تېزلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. دېمەك، بۇ بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۆز-ئۆزىنى ئۇۋۇلاپ داۋالاش ئۇسۇلى. ئەلۋەتتە، ئەگەر پەللە توغرا بېسىلمىغاندا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەتتىكى كۈنلەردە «ئىچ ئالغاي» ھەرىكىتىنى ئىشلەپ، كۆز مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.» خۇاڭ لىڭشيۇڭ پىروفېسسور.
4.چىراغنىڭ نۇرىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بەزى ئائىلىلەر ئۈستەل چىرىغىنى ئۈستەلنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇشقا ئادەتلەنگەن، بۇ توغرا ئەمەس. يورۇقلۇق سول ئۈستى تەرەپتىن چۈشسە بىر ئاز مۇۋاپىق بولىدۇ. 15 ۋاتلىق كۈن نۇرى لامپۇچكىسىنى مىسالغا ئالساق، چىراغ بىلەن ئۈستەل كىتابنىڭ ئارىلىقى 100-170 سانتىمېتىر. تېلېۋىزورنى ئىلمىي ئورۇندا قويۇش، تېلېۋىزور بىلەن كۆزنىڭ ئارىلىقى تېلېۋىزور يۈزىنىڭ دىئاگونالىنىڭ 5 ھەسسىسى بولۇش كېرەك. كەچتە تېلېۋىزور كۆرگەندە، نۇرى بىر ئاز غۇۋا بولغان چىراقنى يېقىپ قويسا ياخشى بولىدۇ. ھەمدە چىراغ نۇرى تېلېۋىزورنىڭ يۈزىگە بىۋاستە چۈشۈرمەي نۇر چېچىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
5.سىرتقا كۆپرەك چىقىپ بېرىش، تاماق تاللاش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. دوختۇرخانىمىز كۆز ساغلاملىقىنى ساقلاش ئارخىپىنى ئىشلىگەندە، بالىلارنىڭ تېنىدىكى مىكرو ئېلېمىنتلارنى تەكشۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە سىنىك، كالتسىي كەم بولۇش ، تاماق تاللايدىغان يامان ئادەت قاتارلىقلار بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
6.تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە كومپيۇتېر ئىشلىتىش ۋاقتىنى كونترول قىلىش، ھەر كۈنى ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئەگەر ئاتا-ئانىلار، بولۇپمۇ ئانىلار تېلېۋىزور كۆرۈشنى، ئۇزۇن مەزگىل تورغا چىقىشنى ياخشى كۆرسە، ئۇنداقتا بالىلارنىڭمۇ تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە تورغا چىقىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن. شۇڭلاشقا بالىلارنىڭ كۆزىنى ئاسراش، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋە بالىلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشىغا موھتاج.