كۆز كېسەللىكلىرى

يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىك قوزغىلىش سەۋەبى

يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ئوخشاشمايدىغان كۆز قاراشلار بار، لېكىن يىغىنچاقلىغاندا يەنىلا شۇ ئىرسىيەت ۋە مۇھىت ئامىلىدىن ئىبارەت. يەنى، ئىنساننىڭ كۆرۈش سېزىم ئورگانلىرى سىرتقى نۇرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش ۋە ئېۋوليۇتسىيە (تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش) ھەركىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. تۆۋەندە سىرتقى مۇھىت بىلەن ئىرسىيەتنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
1. ئىرسىيەت ئامىلى (hereditary factor)
تۈركۈم بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ،  ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى مىسالغا ئالساق، جۇڭگولۇقلار بىلەن ياپونىيىلىكلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قارىغاندا كۆپرەك كۆرىلىدۇ. ياۋروپا يەھۇدىلىرىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەنگلىيە،  گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يەرلىك كىشىلەرگە قارىغاندا كۆپرەك بولىدۇ. 1919-يىلى  Stephoson  لوندوندىكى كىچىك بالىلارنىڭ كۆزىنىڭ نۇر سۇندۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندە،  يەرلىك بالىلارغا قارىغاندا يەھۇدى بالىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن 10 ھەسسە ئارتۇق چىققان.

  • ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك
    مۇتەخەسسىسلەر 61 ئائىلىنىڭ ئائىلە لىنىيىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل ئەھۋالنى بايقىغان :
    ① ئەگەر ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپتە ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى بولسا،  12 ئەۋلادىنىڭ ھەممىسىدە ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى كۆرۈلگەن،  يەنى كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى %100 بولغان.
    ②ئەگەر ئاتا-ئانا بىر تەرەپتە ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى بار بولۇپ،  ئەۋلادىنىڭ ئىچىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى بولسا (ئاتا-ئانا ئىچىدىكى يەنە بىر تەرەپنىڭ تېنىدە  ئارىلاش زىگوتا بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ )، كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ 40 نىڭ ئىچىدىن 23 دە ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى  كۆرۈلگەن (تەخمىنەن %57.5 )، بۇ نەتىجىنى ئەسلىدىكى مۆلچەر (%50) بىلەن سېلىشتۇرغاندا،  كېسەللىك كۆرۈلۈش نىسبىتى 0.05>p پىرسەنتتىن  يۇقىرى بولغان.
    ③ ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال بولسىمۇ،  ئەۋلادلىرىدىن 25 ئائىلىنىڭ ئىچىدە ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى كۆرۈلگەن (ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپنىڭ تېنىدە ئارىلاش زىگوتا بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ )،197 پەرزەنتنىڭ ئىچىدە 68 دە ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى كۆرۈلگەن،  لېكىن Winburg ۋە Lenz قاتارلىق تەڭشەش ئۇسۇللىرىنى قوللانغاندىن كېيىن،  كېسەللىك پەيدا بولۇش نىبسىتى ئايرىپ-ئايرىم ھالدا %21.3 ۋە %22.2 بولغان،  بۇنى مۆلچەردىكى %25 بىلەن سېلىشتۇرغاندا،  0.05>p بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسى دائىمىي خروموسومىنىڭ يوشۇرۇن ئىرسىي قانونىيىتىگە ماس كېلىدىغان بولسىمۇ،  سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرى سەۋەبىدىن  كېسەللىك ئالامىتىنىڭ دەرىجىسى تۆۋەنلەش ۋەياكى سىرتقى ئىپادىسى ئېنىق بولماسلىقتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار تاشقى ئىپادىسى نورمال بولغانلار بىلەن توي قىلسا (تېنىدە ئارىلاش زىگوتا بار بولغانلار بىلەن توي قىلىش نىسبىتى  ئادەتتە %18 تىن %24 كىچە  بولىدۇ )، پەرزەنتلىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ،  شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى دائىمىي خروموسومىنىڭ يوشۇرۇن ئىرسىيەت قېلىشىدىن بولغان دەپ جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ.
  • نوقۇل يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى. يەنى تۆۋەن ياكى ئوتتۇرا دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كۆرسىتىدۇ،  ئادەتتە نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى 6.0D دىن تۆۋەن بولغان يىراقنى كۆرەلمەسلىك ياكى نۇر يىغالماسلىقتىن كېلىپ چىققان يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆز ئاستىدا ئاساسەن ئۆزگىرىشى بولمايدۇ. كۆز قۇۋۋىتىنى تەڭشىگەندىن كېيىن نورمال ھالەتكە كېلىدۇ،  كۆپ ئۇچرايدىغان ئامېتروپىيە(كۆزنىڭ نۇر سۇندۇرۇشىنىڭ  نورمال بولماسلىق ھادىسىسى)ھادىسىسىنىڭ بىر تۈرىدۇر. تەتقىقاتچىلار قوشكېزەكلەرنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەيلى يىراقنى كۆرەلمەسلىك دەرىجىسىنىڭ بىردەكلىكى ياكى نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسىنىڭ پەرقى بولسۇن، بىر  تۆرەلمىدىن تۇغۇلغانلارنىڭ ئوخشاشلىق دەرىجىسى ئوخشىمىغان تۆرەلمىدىن توغۈلغانلارنىڭكىدىن يۇقىرى چىققان. شۇنىڭ ئۈچۈن سىتاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى،  يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنىڭ ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى %61 بولۇپ،  قوش كېزەكلەر ئۈستىدە سىناق ئېلىپ بارغاندا،  ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى %65 بولۇپ چىققان. كۆز ئوقى، مۈڭگۈز پەردىنىڭ ئەگرىلىك دەرىجىسى ۋە ئالدىنقى دالاننىڭ چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنىڭ ئىرسىيەت قېلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %55.5، %49.1 ۋە %72.1 بولغان. بىر قىسىم تەكشۈرگۈچىلەر شاڭخەيدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ كۆز قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىرسىيەت نىسبىتىنىڭ %50.5 ئىكەنلىكىنى ھېسابلاپ چىققان، يەنى ئىرسىيەت بىلەن مۇھىتنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىگە بولغان تەسىرى %50 دىن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنىڭ ئىرسىيەت قانۇنىيىتى  كۆپ فاكتورلۇق ئېرسىيەتتىن ئىبارەت.
    يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى،  ئېغىر دەرىجىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى دائىمىي خروموسومىنىڭ يوشۇرۇن ئىرسىيەت قېلىشىنىڭ نەتىجىسى،  ئادەتتىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى بولسا كۆپ فاكتورلۇق ئىرسىيەتنىڭ نەتىجىسى،  يەنى يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى ھەم ئىرسىيەت قانۇنىيىتىگە بويسۇنىدۇ،  ھەم ئوخشاشلا مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

2. مۇھىت ئامىلى (environmental factor)
 بىر  قىسىم مۇھىت ئامىللىرى كۆزنىڭ تەڭشەش رولىنى كۈچەيتىپ مەلۇم دەرىجىدىكى نۇر سۇندۇرۇش خاراكتېرىدىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن كۆز ئوقىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى چىقارمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر كۆز قاراش يوق. Duke-Elder كۆزشۇناسلىق قوللانمىسىدا،  كىچىك ھايۋانلارنى قەپەس ئىچىدە باققاندا تەبىئەتتە ئۆسۈپ چوڭ بولغان ھايۋانلارغا قارىغاندا يىراقنى كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار، مۇھىتنىڭ كۆز قارىچۇقىنىڭ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، كىچىك ھايۋانلارنى سۈنئىي لايىھىلەنگەن ئالاھىدە كۆرۈش سېزىمى مۇھىتىدا باققان ۋە مەلۇم دەرىجىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن. مەسىلەن Wiesel ماككىنىڭ (مايمۇننىڭ بىر خىلى) كۆز قاپىقىنى تىكىپ، ئاستى-ئۈستى كۆز قاپىقىنى چاپلاشتۇرۇپ قويغان،  شۇنىڭ بىلەن ماككىنىڭ كۆز ئالدىدا يېرىم سۈزۈك بولغان يېپىنچا پەردە شەكىللەنگەن. Wiesel مايمۇنلارنى يورۇق جايدا باققان. شۇ مايمۇن توپىنىڭ ئارىسىدىن 5-نومۇرلۇق مايمۇننىڭ بىر كۆزىنىڭ كۆز قاپىقىنى تىكىپ قويغان ۋە 18 ئايدىن كېيىن تىكىلگەن جاينى ئېچىۋەتكەن، ھەمدە سىكلوپلېگىيە (كىرپىكسىمان مۇسكۇلنى ناركوز قىلىش) فونكىسىيىسىنى قوزغىغان، كۆز قارىچۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىنكى نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسىنى ۋە كۆز قارىچۇقىنىڭ رادىئۇسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە تىكىلگەن كۆزدە 13.5–D لىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى كېلىپ چىققان. كۆزنىڭ ئارقا-ئالدى كۆز ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ %20 ئاشقان.8-نومۇرلۇق مايمۇن ئاللىبۇرۇن يېتىلىپ بولغانلىقى ئۈچۈن 17 ئاي باققاندىن كېيىنمۇ نۇر سۇندۇرۇش دەرىجىسى ۋە كۆز ئوقىدا ئۆزگىرىش بولمىغان. 2-نومۇرلۇق مايمۇن تۇغۇلغاندىن كېينلا كۆز قاپىقى  تىكىۋېتىلگەن بولۇپ،  6 ھەپتە ئارىلىقىدىلا 2.75-Dلىق يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسەللىكى پەيدا بولغان. 1979-يىلى Wiesel قاتارلىقلار كۆز قاپىقى تىكىۋېتىلگەن مايمۇنلارنى پۈتۈنلەي قارڭغۇ شارائىتتا باققان،  لېكىن ھېچقانداق يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئالامىتىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button