كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيىسىدىن بۇرۇن زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەر
كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيىسىدىن بۇرۇن ئەينەك تەنچە، كۆرۈش تور پەردىسى، كۆرۈش توپچىسى، سېرىق داغ رايونى ۋە تومۇرلۇق پەردىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن- كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېنىقلاش زۆرۈر. A تىپلىق ياكى B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ئەينەك تەنچىنىڭ ئەھۋالىنى ۋە كۆرۈش تور پەردىسى ئاجراش ياكى كۆز ئىچىدىكى ئۆسمىنى ئېنىقلاپ چىققىلى شۇنداقلا كۆرۈش ئوقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كىرىستال تەنچىنىڭ ئورنىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئېلېكترورېتىنوگرامما (ERG) نى ئىشلىتىش كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە؛ بىرلا كۆزگە ئاق چۈشكەن بولسا، سېرىق داغ ۋە كۆرۈش يولىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆرۈش قۇۋۋىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشتا، ئوپېراتسىيىدىن كېيىن نېۋروگېننىڭ غىدىقلىنىش پوتېنسىئالى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇندىن باشقا يەنە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئنتېرفېرومېتىرى ئارقىلىق پىشمىغان مەزگىلدىكى سېرىق داغنىڭ ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشكە بولىدۇ.
ھازىرقى زامان مىكرورگىيىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، سۈنئىي كرىستال سېلىش ئەمەلگە ئاشتى. نۆۋەتتە قوللىنىلىۋاتقان ئوپېراتسىيىلەردە بىر تەرەپتىن ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى نۇر يىغالماسلىق كونترول قىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوپېراتسىيە جەريانىدا ئىلگىرى بار بولغان نۇر يىغالماسلىق داۋالىنىدۇ، ئوپېراتسىيىدە ئىلاستىكىلىققا ئىگە يېپشقاق ماددىلار ئىشلىتىلىپ، ئىچكى ئېپىتېلىيە ۋە باشقا توقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ.
مەركۇز ئۇسۇلنى قوللىنىش دائىرىسى كۈنسېرى كېڭەيمەكتە. نۆۋەتتە تاق كۆزدىكى ياكى دىئابىت خاراكتېرلىك كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالىغاندىمۇ سۈنئىي كىرىستال تەنچىنى كۆچۈرۈشكە بولىدۇ. پېرىتسىستىئۇم پەردىسى ئوپېراتسىيە، كىرىستال تەنچە يادروسى ۋە پوستلاق ماددىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى، سۈنئىي كىرىستال تەنچىنىڭ لايىھىلىنىش، چوڭ- كىچىكلىكى ۋە سىرتقى يۈزىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىمۇ بەلگىلىك بولۇپ، سېرىق رەڭلىك سۈنئىي كىرىستال تەنچە كەڭ ئىشلىتىلمەكتە.
نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى سۈنئىي كىرىستال تەنچە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى كۆزنى قاماشتۇرۇش كېسەللىكى ۋە كۆرۈش پىگمېنتى كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت. ئۇلترا ئاۋازلىق ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈش ۋە سۈنئىي كىرىستال تەنچە كۆچۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلترا ئاۋازلىق ئېمۇلسىيىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى كلىنىكا ئەمەلىيىتىدە كەڭ ئىشلىتىلىپ، كىرگۈزمە سۈنئىي كىرىستال تەنچە تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىش بىلەن كۆزگە ئاق چۈشۈشنى داۋالاش ئوپېراتسىيىنىڭ تەرەققىياتى يەنە بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىگۈسى.