كۆز كېسەللىكلىرى

كۆز ئاغرىقى

   داۋالاش
   رېستىپ:
   يۇمغاقسۈت كۆكىنى ئىزىپ، سىقىپ، سۈيىنى بالا ئېمىتىۋاتقان ئايالنىڭ سۈتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا، ھەرخىل ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كۆز كىسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
   رېستىپ:
   يۇمغاقسۈت كۆكىنى ئىزىپ، سىقىپ، سۈيىنى گۈل سۈيىنى گۈل يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا، كۆزدىكى قىزىللىقنى ئالىدۇ ۋە كۆزنىڭ قىچىشىپ ئاغرىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
  رېستىپ: يېڭى سېغىلغان كالا سۈتىنى كۆزگە تېمىتىپ بىرىلسا كۆزدىكى قان نوكچىسىنى يوقىتىدۇ.
رېستىپ: كالا سۈتىنى 250 گرام، ھەسەل 30 گرام، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى 20گرام، سارغايتىلغان ياڭاق مېغىزى 20گرام، توخۇ تۇخۇمى بىر دانە. تۇخۇمنى سۈتكە چېقىپ قوچۇپ، ئاندىن سوقۇلغان مېغىز بىلەن ھەسەلنى قويۇپ، ئۆرلىتىپ تەييارلىنىدۇ. بۇ بىرلەمچى كۆز بېسىمى ئېشىپ كېتىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر قانچە كۈن ئىچىپ بىرىلىدۇ.
   رېستىپ: مېكىيان گۆشىنى نوقۇت بىلەن پىشۇرۇپ يەپ بەرسە كۆز ئالدىدا بىر نەرسە ئۇچقاندەك بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
   رېستىپ: قىز بالىلىق ئايالنىڭ سۈتىگە، يۇمغاقسۈت كۆكىنى سىقىپ ئارىلاشتۇرۇپ، كۆزگە تېمىتسا ھەرخىل سەۋەبلەردىن بولغان كۆز ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button