كۆزگە يىڭناسقۇ چىقىش
بۇ قاپاق گىرۋەكلىرىدە كۆپ ئۇچۇرايدىغان ھەم ئاسانلا قايتا قوزغىلىدىغان ئۆتكۈر ياللۇغلىنىش خاراكتىرلىك كىسەللىك بولۇپ، خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبئىي ئۆزگۈرىشى، بولۇپمۇ قان ۋە سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ، شۇ ئورۇنغا تەسىر كۆرسىتىشتىن پەيدا بولىدۇ.
داۋالاش:
رېستىپ: شىشىگە قىززىق سۇ ئېلىپ ياكى پاكىز لۆڭگىنى قايناق سۇغا چىلاپ، كۈنىگە بىر قانچە قېتىم 5-10 مىنۇتتىن قاپاققا ئىسسىق ئۆتكۈزۈلسە بولىدۇ.
رېستىپ: پىشۇرۇلغان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويۇۋېتىپ، قولياغلىققا ئوراپ، يىڭناسقۇنىڭ ئۈستىدىن ئىسسىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئىسسىق سۇغا چىلانغان پاكىز لاتا بىلەن بىر قانچە قېتىم سۈرتۈپ بەرسە، يىڭناسقۇ ئوڭايلا يوقاپ كېتىدۇ.
رېستىپ: قوينىڭ دۈمبە يېغىنى ئوتتا قىززىتىپ، يىڭناسقۇ ئۈستىگە قويسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. بىر چىمدىمنى تۇخۇم ئېقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، يىڭناسقۇ ئۈستىگە چاچسا ئوبدان ئۈنۈم بىرىدۇ.
رېستىپ: قۇرۇتۇلغان خورمىنىڭ تالقىنىدا گۈل يېغى بىلەن مەلھەم تەييارلاپ، يەرلىك ئورۇنغا چاپسا مەنپەئەت قىلىدۇ.