كۆز كېسەللىكلىرى
كۆز گىرۋەكلىرى قىچىشىش
بۇ ھەرخىل ئىچكى – تاشقى ئامىللارنىڭ جۈملىدىن، بەزى شورلۇق ماددىلارنىڭ كۆزى جىيەكلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشتىن پەيدا بولىدىغان كىسەللىك بولۇپ، كۆز جىيەكلىرى قىچىشىش، قىزىرىش، ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ئېچىشىپ ئاغرىش، ئىششىش، بەزى كىشىلەردە مۇدۇ پەيدا بولۇش شۇ ئورۇننىڭ كىرپىكلىرى چۈشۈش، كۆز جىيەكلىرى كىپەكلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپالىنىدۇ.
داۋالاش:
رېستىپ: يۇمغاقسۈت سۈيىنى گۈل يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ كۆزگە تېمىتسا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
رېستىپ: پىيازنى سىقىپ سۈيىنى ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردا كۆزگە تېمىتىپ بەرسە ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
رېستىپ: قوينىڭ قۇيرۇق يېغىنى تۇخۇم سېرىقى بىلەن ئىرىتىپ بەش گرام زەرچىۋىنى قوشۇپ خېمىر قىلىپ، ئىككى قاش ئوتتۇرىسىغا ياقسا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.