سەھىپە ئايرىلمىغانكۆز كېسەللىكلىرى
كۆزنى ئالايتىپ بەرگەندە كۆرۈش قۇۋىتى ئاشىدۇ
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاجىزلايدۇ . كۆزنى كۆپرەك ئالايتىپ بەرگەندە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاشىدۇ .
ئولتۇرغاندا ، ياتقاندا ياكى ئۆرە تۇرغاندا بولسۇن ، زېھنىنى يىغىپ ، پۈتۈن بەدەننى بوش قويۇۋېتىپ ، كۆزنى كۈچەپ يۇمۇش كېرەك . بىر ئېچىپ بىر يۇمۇپ كۆزنى خۇددى ئالايتقاندەك قىلىش ، كۆزنى يۇمغاندا كۆز قاپىقىغا كۈچەش ، زېھنىنى كۆزگە مەركەزلەشتۈرۈش ، كۆزنى ئاچقاندا ئىمكانقەدەر ئەركىن تۇتۇش كېرەك . ھەر كۈنى ئۈچتىن تۆت قېتىمغىچە ، ھەر قېتىمدا بەش مىنۇت داۋاملاشتۇرغاندا ، كۆز ئەتراپىدىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، كۆزنى تولۇق بولغان قان ئايلىنىش بىلەن تەمىنلەپ ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ .