بەش ئەزا ئىلمى
1. بۇرۇننىڭ ئاناتومىيە تۈزۈلىشى: ( 鼻的解剖)
بۇرۇن بولسا سىرىتقى بۇرۇن، بۇرۇن بوشلۇقى، بۇرۇن كاۋاكچىلىرىدىن تۇزۈلىدۇ
2. بۇرۇندا دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر: ( 鼻的症状)
1) بۇرۇن ئىتىلىپ قىلىش: (鼻阻塞)
بۇرۇن ئىتىلىپ قېلىش بولسا بۇرۇن كېسەللىك ئىلمىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئاساسلىقى بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن كاۋاكچىلىرىنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
(بەزى ئەھۋاللاردا پۈتۈن بەدەن بىنورماللىقىدىنمۇ كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، پۈتۈن بەدەن قان تومۇرلىرىنىڭ كېڭىيىپ تارىيىشى نورمالسىزلىشىش قاتارلىقلار.)
2) دىماغ ئاۋازى:( 鼻音)
دىماغ ئاۋازى بولسا بۇرۇن بوشلۇقى يۇتقۇنچاق ۋە بۇرۇن كاۋاكچىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ نورمال ئەھۋالدا n ياكى ng تاۋۇشى پەيدا بولىدۇ .
3) پۇراش سېزىمى ناچارلىشىش: (觉异常)
پۇراش سېزىمى ناچارلىشىش بولسا ھاۋا تەركىبىدىكى زەررىچە ماددا سۈمۈرۈلۈپ بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرىپ پۇراش رايونى پەردىسى بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن پۇراش بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىدا ئېرىپ پۇرغۇچى ھۈجەيرىدە نېرۋا قوزغۇلۇش ھاسىل قىلىپ پۇراش سېزىمى پەيدا قىلىدۇ. 3) بۇرۇن خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى: (鼻源性头疼 )
بۇرۇن خاراكتېرلىك باش ئاغرىقى بولسا بۇرۇن بوشلۇقى بۇرۇن كاۋاكچىلىرىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
4) بۇرۇن قاناش: (鼻出血)
بۇرۇن قاناش بولسا باش ئەزا ئىلمىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قىسمەن خاراكتېرلىك ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ.
1. قىسمەن ئامىل: (局部原因)
1) سىرىتقى زەخىم خاراكتېرلىك: (外伤)
سىرىتقى ئامىل ۋە ئوپېراتسىيە سەۋەبىدىن قان چىقىش
2) ئۆسمە خاراكتېرلىك:( 肿瘤)
ھەر خىل ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە سەۋەبىدىن قان چىقىش.
3) ياللۇغ خاراكتېرلىك: (炎症)
ھەرخىل بۇرۇن ياللۇغى ۋە بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئالاھىدە ياللۇغلىنىشى سەۋەبىدىن قان چىقىش
2. پۈتۈن بەدەن ئامىلى: (全身原因)
ئايلىنىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ، ئىچكى ئاجراتما نورمالسىزلىقى ،ئىرسىيەت خاراكتېرلىك قىل قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى، ۋىتامىن كەملىك، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش، قان نورمالسىزلىشىش، جىددى خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن قان چىقىش .
فارىنگولوگىيە: يۇتقۇنچاق ئىلمى (咽的解剖特征 )
يۇتقۇنچاق بولسا نەپەس يولى بىلەن ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىنىڭ تۇتىشىدىغان ئورنى بولۇپ ئۇستى كەڭ، ئاستى تار بولىدۇ. ئۇستى باش سۆڭىكىنىڭ ئاستى قىسمىغا، ئاستى تەرىپى 6-بويۇن ئومۇرتقىسىغىچە بولىدۇ. ئالدى قىسمى يۈز، بۇرۇن بوشلۇقى، ئېغىز بوشلۇقى، كېكىردەك بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ.
كەينى تەرىپى ئۇمرۇتقا ئالدى پەردىسى بىلەن قوشنا، ئىككى تەرىپى چىڭ قان تومۇر ۋە نېرۋىلار بىلەن قوشنا بولىدۇ.