بەش ئەزا كېسەللىكلىرى

ئوزۇقلىنىش ياخشى بولماسلىقىنىڭ بېشارەتلىرى

ئېغىز: ئەگەر جاۋغاي قىزىرىپ ئۇزۇن مەزگىل قۇرۇپ يېرىلىپ كەتسە، لەۋ ۋە تىل ئۇچى ئاغرىسا، ئوزۇقلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن جاۋغاي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇ ئاساسلىقى تۆمۈر ماددىسى، ۋىتامىنB2 ۋە ۋىتامىن C نىڭ يېتىشمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تىل: ئەگەر تىل ئۇچى زىيادە سىلىق بولۇپ، تەم سەزگۈ قىسمى تۇيۇقسىز قىزىرىپ كەتسە ياكى تىل ئۇچىنىڭ ئىككى تەرىپى سارغىيىپ ئاقارسا فولىن كىسلاتاسى ۋە تۆمۈر ماددىسى يېتىشمەسلىكنى بىلدۈرىدۇ.
بۇرۇن: ئەگەر بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپى قىزىرىپ مايلاشسا، تېرە تاشلىسا، سىنك ماددىسىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تىرناق: تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولسا ياكى ئاسانلا يېرىلىپ كەتسە، سىنك، تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەملىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
چاچ: چاچ چۈشۈش ۋە يۆگىلىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋىتامىن C ۋە تۆمۈر ماددىسىنىڭ كەملىكىنى بىلدۈرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button