ئەزايىمىز ياش بېزى نېمە دەيدۇ؟
كۆز يېشى بولسا تۇز بىلەن سۇنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ئۇ كۆزنىڭ نەملىشىپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۆز يېشى مۈڭگۈز پەردىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردىنى سىلىقلايدۇ. كۆز يېشى تازىلاش رولىنى ئويناشتىن باشقا، يەنە كۆزگە كىرىپ كەتكەن چاڭ-توزانلارنى ۋە ئۇششاق دانىچىلارنى يۇيىدۇ، كۆز يېشىنىڭ تەركىبىدە يەنە باكتېرىيىگە قارشى باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ئېنزىم بار بولۇپ، كۆزنىڭ باكتېرىيىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
گەرچە ھەربىر تامچە كۆز يېشىنىڭ كۆزگە نىسبەتەن پايدىسى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ئوخشاش بولمايدۇ. كۆزنىڭ ئۇزاق مۇددەت نەم ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلدىغان ئاشۇ كىچىككىنە ياش مۈڭگۈز پەردىنىڭ ئۈستى ۋە كۆزنىڭ ئىچىگە جايلاشقان ياش بېزى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ؛ ھالبۇكى، مۇھەببەت ئىشىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، نەرسىڭىزنى ئوغرىغا بېرىپ قويغان چاغدىكى چىققان ياشنى ئۈستۈنكى قاپاقنىڭ سىرتقى تەرىپىدىكى ياش بېزى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. يات ماددا كۆزگە كىرىپ كەتكەن چاغدا چىققان ياشمۇ شۇ بەزدىن چىقىدۇ.
ياش بېزى ياش سۈيى ئىشلەپ چىقارغاندىن باشقا يەنە چىقىرىش يولى بولۇپ، بۇ يەردىن ئۆتكەن ياش بۇرۇن يولىغا كىرىدۇ. تازا بىر يىغلىۋالغاندىن كېيىن مىشقىرغان چېغىڭىزدا، يېشىڭىز بەدىنىڭىزگە سىڭىپ كىرىدۇ.
كۆزىڭىز قۇرغاقلاشقاندا قىچىشىدۇ ياكى ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ. تەخمىنەن 90% كە يېقىن كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى، مۈڭگۈز بىرىكتۈرگۈچى پەردە قۇرغاقلىشىش كېسىلى (KCS) سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مۈڭگۈز بىرىكتۈرگۈچى پەردە قۇرغاقلىشىش كېسىلى ئەمەلىيەتتە، كۆزنىڭ ياش ئىشلەپ چىقىرىشى توسالغۇغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. گەرچە تەتقىقاتچىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھامىلىدار بولغاندا ياكى ھەيز دەۋرىدىكى گورموننىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئاياللارنىڭ ياش سۇيۇقلۇقىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ھەيز كېسىلىش دەۋرىدە ياكى ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن ئاياللار مۈڭگۈز بىرىكتۈرگۈچى پەردە قورغاقلىشىش كېسىلىگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇنلىغان ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يوشۇرۇن كۆزەينەك تاقاشقا ئامالسىز قالىدىغانلىقىنى ھەمدە سىلىقلاشتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئاندىن راھەت ھېس قىلىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئاياللار بىر قېتىملىق ھەيز دەۋرىنىڭ مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كۆزىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ».
ئەگەر كۆزىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتكەن بولسا ھەمدە بۇ خىل قۇرغاقلىشىشنىڭ بەدەندىكى گورمون ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىسا، ئۇنداقتا سەۋەبىنى مەلۇم خخل دورىلارنىڭ تەسىرىدىن كۆرۈڭ. ئاز ساندىكى دورىلار، ئالايلۇق، گىستامىنغا قارشى تۈرىدىكى دورىلار (康组胺类)، ئۈچ ھالقىلىق ئەسەبىيلىككە قارشى تۈردىكى دورىلار (三环抗抑郁类药物) نىڭ كۆزنى قۇرغاقلاشتۇرىدىغان ناچار تەسىرى بار، ئەڭ ياخشىسى، دوختۇر ياكى دورىگەر بۇنى ئېنىقلاپ بېرىشى كېرەك.
ئۇنداقتا، كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟ تۆۋەندىكى نەسىھەتكە قۇلاق سېلىڭ:
1. ھاۋانىڭ نەملىكىنى ساقلاش
ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش ئەسۋابىنىڭ خوتىنى 80% دېگەن ئورۇنغا قويۇپ، ئۆي ئىچىنىڭ نەملىكىنى ساقلىسىڭىز، مۈڭگۈز پەردىنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئەگەر ھاۋانىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش ئەسۋابىنىڭ نەملىك كۆرسەتكۈچى بولمىسا، ئەڭ كۈچلۈكىگە توغرىلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.
2. سۈنئىي ياش تېمىتىش
سۈنئىي ياش تېمىتىشنىڭ كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە بولغان ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. دورا دۇكانلىرىدا بۇنى سېتىۋالغاندا، چوقۇم چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە ئىشلىتىش لازىم. ئادەتتە ھەربىر كۆزگە بىر قېتىمدا پەقەت ئىككى~ئۈچ تامچە تېمىتسىلا كۇپايە، كۆپ تېمىتىۋەتسىمۇ زىيىنى يوق ھەم پايدسىمۇ يوق، ئارتۇق قىسمى كۆزدىن ئېقىپ چىقىپ كېتىدۇ.
3. بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش
كۆزنىڭ قان تومۇرىنى تارايتىدىغان بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرى كۆزنىڭ قۇرغاقلىشىش ئالامەتلىرىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىشىمۇ مۇمكىن، شۇڭا ئامال بار بۇنداق دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.
4. كۆزگە تېمىتىلىدىغان دورىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئەڭ توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆزنىڭ تۆۋەنكى قاپىقىنى ئالدىغا تارتىپ، تورۇسنى كۆرەلىگۈدەك دەرىجىدە باشنى ئارقىغا سوزۇپ، دورا قۇتىسىنىڭ ئېغىزىنى كۆز ھەم قاپاققا تەگكۈزمىگەن ھالدا تېمىتىش لازىم.
كۆزگە تېمىتقان دورا بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، ياش كانىلىنى بويلاپ بۇرۇن بوشلۇقىغا ئېقىپ كىرىپ، ئاخىرىدا يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆزگە دورىنى تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن باش بارمىقىڭىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنى كۆز بۇرجىكىگە قويۇپ، باشنى ئارقىغا سوزۇپ، بەش مىنۇت ئەتراپىدا يېنىك بېسىپ بېرىش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھالەتنى چوقۇم بەش مىنۇتتىن كۆپرەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، بولمىسا، ئىشلەتكەن سۈنئىي ياشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ، دەيدۇ.