بۇرۇن ئىچىگە چىقان چىققاندا
بالىلاردىكى بۇرۇن چىقىنى ئادەتتە تېرىنىڭ ياغ ئاجرىتىش ئېشىپ كېتىش ۋە بۇرۇننى كۆپ كولاش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. بۇرۇن چىقىنىنىڭ ئۇچى تېشىلىپ، ئىچىدىكى يىرىڭ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىدۇ، شۇڭا چىقاننى قول بىلەن سىقىشقا بولمايدۇ، بولمىسا چىقان چىققان ئورۇن ياللۇغلىنىپ، كېسەللىك تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
بۇرۇنغا چىقان چىقماسلىقىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بورۇن بوشلۇقىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، بۇرۇننى بەك تولا كولىماسلىق زۆرۈر. ئەگەر بورۇن چىقىنى چىقىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، بۇرۇننى كۈندە بىر نەچچە قېتىم سۇ بىلەن يۇيۇپ، پاكىز ئېيتىۋېتىش كېرەك. مۇۋاپىق بولسا يەنە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئانتىبىئوتىك دورىلار بىلەن ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇرنىغا تولا چىقان چىقىدىغان بالىلار ئىسسىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن: ماش شورپىسى دېگەندەك تائاملارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئەگەر ياللۇغلىنىش بىر قەدەر ئېغىر بولسا، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىتىش، چىقاننىڭ تېخىمۇ ئېغىر كېسەللەرگە ئايلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.