بۇرۇن كېسەللىكلىرى

بۇرۇن يۇتقۇنچاق راكى ۋە ئۇنى داۋالاش

كېسەللىك ئالامەتلىرى:
بۇرۇننىڭ بىر تەرىپىدىن قان ئاقىدۇ. بۇ قان كۆپىنچە ئەتىگەندە ئاز مىقداردا پوتلا بىلەن قوشۇلۇپ چىقىدۇ، مانا مۇشۇ بەلگە راكقا دىئاگنوز قويۇشنىڭ ئاساسىدۇر. بىر تەرەپ قۇلاقنىڭ ئاڭلىشى تۆۋەنلەيدۇ ۋە قۇلاق غوڭۇلدايدۇ. باشنىڭ بىر تەرىپى داۋاملىق مۇقىم ئاغرىيدۇ، كۆزنىڭ بىر تەرىپىنىڭ كۆرۈشى تۆۋەنلەيدۇ ياكى بىر نەرسە ئىككى كۆرۈنىدۇ. بويۇننىڭ بىر تەرىپىدە مونەك ھاسىل بولىدۇ. بۇ راكنىڭ بويۇن لىمغلىرىغا كۆچكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندا بۇرۇننىڭ ھەرئىككى تەرىپى ئېتىلىدۇ، بۇرۇن تۆشۈكى ئاسان قانايدۇ، ئاغرىيدۇ، بۇرۇندىن سېسىق پۇراق كېلىدۇ، يىرىڭلىق پوتلا چىقىدۇ.كۆزنىڭ كۆرۈشى تۆۋەنلەپ، ئاخىرىدا كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ.


داۋالاش ئۇسۇلى:
(1) دەسلەپكى مەزگىلدىكى بۇرۇن-يۇتقۇنچاق راكىنى بايقىغىلى بولسىلا ئوپىراتسىيە قىلسا بەش يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئوپىراتسىيە ئۈنۈمى %80 چامىسىدا بولىدۇ.
(2) «قىزىلئۆڭگەچ راكىنى داۋالاش» تا سۆزلەنگەن مۇرەككەپ سەرتان مەجۇنىنى يېگۈزۈپ داۋالاش، پەرھىز، دورا پۈركۈش ئۇسۇللىرى، دورىلىق توخۇ بېقىپ يېيىش چىڭ تۇتۇلسا، بۇ خىل راك كېسەللىكىمۇ ئاستا-ئاستا ساقىيىدۇ، 4-5 ئاي پەرھىزنى بوشاتماي، داۋالاش چىڭ تۇتۇلسا ئاغرىق نەچچە ئون ياشىشى تەبىئىي.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button