بۇرۇندىكى بېشارەتلەر
قەدىمكى تېبابەت كىتابلىرىدا مۇنداق خاتىرىلەنگەن:
بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكى قۇياشقا، سول تۆشۈكى بولسا ئايغا تەئەللۇق، قۇياشنىڭ (كۈندۈزنىڭ) تەبىئىتى ئىسسىق، ئاينىڭ (كېچىنىڭ) تەبىئىتى سوغۇق، كىشىدە ئىسسىقى ئاشقانلىق ياكى شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامىتى سېزىلسە، بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكىنى پاختا بىلەن ئېتىپ قويۇپ، سول بۇرنىدىن نەپەس ئالسا، ئىسسىقلىق پەسىيىدۇ. ئەگەر سوغۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنىڭ تەتۈرسىنى قىلىش لازىم. ھۆكۈمالارنىڭ قارىشىچە: كىشى كۈندۈزى بۇرۇننىڭ سول تۆشۈكى ئارقىلىق، كېچىسى ئوڭ تۆشۈكى ئارقىلىق نەپەسلىنىشى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق نەپەسلىنىشنى ئۇزاق داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئادەتكە ئايلاندۇرالىسا، قىينالماي ئەركىن نەپەس ئالغۇدەك دەرىجىگە يەتسە، ئۇنىڭ تېنىدە كېسەللىك بولمايدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كىشىلەر بۇرۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قانچە ئىشنى بايقىغان:
بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ نەپەس ئېلىشىدىن ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. كىشىلەر نورمال نەپەس ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا بۇرۇننىڭ سول، ئوڭ تۆشۈكىنى نۆۋەتلىشىپ ئىشلىتىدۇ. جۇڭيى تېبابەتچىلىكىدە بۇ «بۇرۇن ئايلىنىش» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇرۇننىڭ ئايلىنىش دەۋرى ئادەتتە 2.5 سائەتتىن تۆت سائەتكىچە بولىدۇ. ياش چوڭايغانسېرى ئايلىنىش دەۋرى شۇنچە ئۇزىرايدۇ، بەزى كىشىلەرنىڭ بۇرۇن تۆشۈكىنى بىر قېتىم ئالماشتۇرۇپ نەپەس ئېلىش ۋاقتى سەككىز سائەتكە يېتىدۇ. بۇرۇننىڭ سول تۆشۈكى بىلەن نەپەس ئېلىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكى بىلەن نەپەس ئالغاندا چوڭ مېڭە ئوڭاي غىدىقلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر جىددىي خىزمەت قىلغاندا ياكى پائال كۈرەش قىلغاندا بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكى ئارقىلىق نەپەس ئالىدۇ. بۇنىڭ ئەكىسچە كىشىلەردە ئازادە، تىنچ بولغان چاغلاردا بۇرۇننىڭ سول تۆشۈكى ئارقىلىق نەپەس ئالىدۇ.
بۇرۇننىڭ ئوڭ تۆشۈكىدىن نەپەس ئالغاندا ئورگانىزىم ئەركىن، ئازادە، ئاراملىق ياكى بىر قەدەر ئاراملىق ھالىتىدە بولغان بولىدۇ، بۇنداق چاغدا كىشىنىڭ كەيپىياتى روھلۇق، ئىنكاسى بىر قەدەر تېز، مىجەزى خۇشخۇي بولىدۇ.
بۇرۇننىڭ سول تۆشۈكى ئارقىلىق نەپەس ئالغاندا بولسا، جىددىيلەشكەن، چارچىغان بولىدۇ. بۇنداق چاغدا كىشىنىڭ كەيپىياتى ناچار، ئىنكاسى سۇس، مىجەزى ئوسال، ئاسان چېچىلىدىغان، دىققىتىنى ئاسانلىقچە يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق چاغدا بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلمىغاندا ئاسانلا ھادىسە يۈز بېرىدۇ. بەزىلەر، بۇرۇننىڭ سول تۆشۈكىدىن نەپەسلىنىۋاتقاندا يېگەن تاماق، ئوڭ تۆشۈكىدىن نەپەسلىنىۋاتقاندا يېگەن تاماققا قارىغاندا تېز ھەزىم بولىدىغانلىقىغا دىققەت قىلغان.
يەنە بەزىلەر، ئۆزىنىڭ مىجەز-كەيپىياتى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا بەزى نازۇك، مۇھىم ئىشلارغا قارىغۇلارچە قەدەم قويماستىن مۇۋاپىق پەيتنى تاللاش ياخشى دەپ قارىغان.