كومپيۇتېر ۋە بۇرۇن ياللۇغى
بۇرۇن ياللۇغىنىڭ كلىنكىدىكى ئىپادىلىنىش شەكلى خىلمۇ خىل ، زىيان سېلىش كۈچ زور، بۇ خىل كېسەللىك بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتكەندە ، نەپەس ئېلىش ئىقتىدارىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ ، باشقا بەدەن ئەزالىرى بىلەن ئىچكى ئەزالارنىڭ مېتابولىزمى ۋە ئىقتىدارى زور زىيانغا ئۇچرايدۇ ، ھەتتا باش ئاغرىيدىغان ، ئەستا تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدىغان ، روھىي ھالىتى چېكىنىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ .
كىشىنى ئەڭ چۆچۈتىدىغان ئەھۋال شۇكى ، بۇرۇن ياللۇغنىڭ ئۆپكە پۇۋەكچىلىرى ياللۇغى ، يۈرەك ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى ، دەم سىقىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ ، بىراق ھازىر بۇرۇن ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشلەر كۆپىيىۋاتىدۇ ، ھەتتا يېشى بارغانسېرى كىچىكلەپ بېرىۋاتىدۇ ،بۇنداق ئەھۋالغا ئاق ياقىلىقلار ئارىسىدىكى كومپىيۇتېرغا بەك تاينىۋېلىش كېسىلى سەۋەب بولۇۋاتىدۇ . چۈنكى كومپىيۇتېر ئېكرانىدىن قايتقان رادىئو ئاكتىپلىق نۇر قان ئايلىنىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز ھەرىكەت قىلىدىغان بۇ خىل كىشلەر ئىممۇنىتېت كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشىدىن خالىي بولالمايدۇ–دە ، زىيادە سەزگۈر بۇرۇن ياللۇغىغا ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ .