ئىچكى بۇرۇن
ئىچكى بۇرۇن _ بۇرۇن غارى ياكى بۇرۇن بوشلۇقى ( جەۋفۇلئەنفى ) دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ يۈزنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىغا ، تاماقنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ . ئوتتۇرا پاسىل ئارقىلىق ئوڭ ۋە سولغا بۆلۈنۈپ تۇرغان ئىككى بوشلۇقتىن ئىبارەت . بۇرۇن تۈكلىرى ، ماي ۋە تەر بەزلىرى بولۇپ ئاسانلا چاجا پەيدا بولىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقلىرىنىڭ ئىككىسىدىلا ئىچكى جەھەتتە يۇقىرى ۋە تۆۋەندە ئىككىدىن تۆشۈك بولۇپ ، يۇقىرىدىكى ئىككىسى يۈز بىلەن تۆۋەندىكى ئىككىسى يۇتقۇنچاق بىلەن تۇتۇشىدۇ . 1. ياش كانالچىسى ( مەجرەددەمئى ) ئارقىلىق كۆز ئۆيى بوشلۇقى بىلەن تۇتۇشىدۇ . 2. تاماق يۇقىرى كانالچىسى ( مەجرائى ھەنەكى مۇقەددەم ) ئارقىلىق ئېغىز بوشلۇقى بىلەن تۇتۇشىدۇ . 3. بۇرۇن تۆشۈكلۈك سۆڭىكىنىڭ تۆشۈكى ( سوقوفى مىسفات ) ئارقىلىق باش سۆڭىكى بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ . 4 . تاماقتىكى قوزۇقسىمان تۆشۈك ئارقىلىق قوزۇقسىمان بوشلۇق بىلەن تۇتۇشىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقلىرى 15 سۆڭەكنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلىدۇ .ئۇنىڭ ئۇچى باش سۆڭەك ، 12 سى يۈز سۆڭەكتىن ئىبارەت . بۇرۇننىڭ ھەربىر بوشلۇقىدا بىردىن مېھراب ۋە بىر قانچىدىن دىۋارلار بولىدۇ .
بۇرۇن بوشلۇقى مىھرابلىرى ئۇزۇنچاق ۋە تار كېلىدۇ . تۆشۈكسىمان قىسمنىڭ يان تەرىپى چوڭقۇر ، ئوتتۇرىسى كەڭ ، ئىككى بېشى تار كېلىدۇ . ھەر بىر بوشلۇقىنىڭ ئىچكى دىۋارى يەنى ئىنچىكە نېپىز كەلگەن ئوتتۇرا دىۋارى بۇرۇننىڭ ئىككى بوشلۇقىنى بىر _ بىرىدىن ئايرىپ تۇرغان بولۇپ . بەزى كىشىكەر تۆشۈك بولغاچقا بۇ ئىككى بوشلۇق بىر _ بىرى بىلەن قوشۇلۇپ تۇرىدۇ . بۇرۇننىڭ سىتقى دىۋارىنىڭ ئىچكى سەتھىدە 3 ئۇزۇن نەيچە بولۇپ ، ئۇلار 3 تال سۆڭەكسىمان قاتلاملار ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ . بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى قاتلامدىكى نەيچە ھەممىدىن كىچىك بولىدۇ . ئوتتۇرا قاتلامدىكى نەيچىدە ئىككى تۆشۈك بولىدۇ . ئاستىقكى قاتلامدىكى نەيچە بۇرۇن سىتقى دىۋارىنىڭ ئۇزۇلۇقى بىلەن تەڭ بولىدۇ . بۇ نەيچىنىڭ ئالدى تەرىپىدە ياش نەيچىسى ( مەجرەد دەمئى ) نىڭ ئاستىنقى تۆشۈكى جايلاشقان بولىدۇ . بۇ تۆشۈك ئارقىلىق كۆزنىڭ ياش سۇيۇقلۇقى بۇرۇن تەرەپكە سىزىپ چۈشىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچىنى ئەستەرلەپ تۇرىدىغان شىلىمشىق پوتلىسمان پەردە (غىشائى مۇخاتى ) ئۆز ئاستىدىكى سۆڭەك ۋە كۆمۈرچەكلەر پەردىسى بىلەن ناھايىتى ياخشى تۇتۇشۇپ تۇرغان بولىدۇ .
1. ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەرىپى بۇرۇننىڭ يۇقىرىقى تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تېرە بىلەن ،
2. بۇرۇننىڭ تۆۋەندىكى تۆشۈكلىرى ئارقىلىق يۇتقۇنچاقنىڭ پۇتلىسمان پەردىسى بىلەن ،
3. ياش نەيچىلىرى ئارقىلىق كۆزنىڭ قاپىدىكى ئەستەر پەردە ( تەبەقەئى مۇلتەھەمە ) بىلەن ،
4. يۇتقۇنچاق ۋە باشقا تۆشۈكلەر ئارقىلىق پىشانە ۋە باشقا سۆڭەك بوشلۇقلىرى تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ.
شۇڭا بۇرۇندىن ئىششىق يۈز بەرگەندە مۇشۇ پەردە ئارقىلىق شۇنىڭغا ئالاقىدار بولغان ئورۇنلاردا ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدۇ . مەسىلەن : زۇكام يۈز بەرگەندە باش ئاغرىش ، بۇرۇندىن سۇ ، كۆزدىن ياش ئېقىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ھەتتا بۇرۇن ئىششىقى مېڭە پەردە ئىششىقلىرىنى كەلتۈۈپ چىقىرىدۇ .
بۇرۇن بوشلۇقىدا تكۋەندىكىدەك ئەسەب ( نېرۋا ) لار بار :
1. پۇراش ئەسەبى ( ئەسەبى شاممە ) نىڭ يىپچىلىرى بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلنىڭ يۇقىرىقى قىسمىدىكى سۈزگۈچى سۆڭەك ( ئەزمى مىسفات ) نىڭ بۇلۇتسىمان قىسمى ۋە يۇقىرى ئوتتۇرا سەتھىگە تارقالغان .
2. كۆز ئەسەبى( ئەسەبى ئەينىييە ) نىڭ كۆرۈش شاخچىلىرى بۇرۇن پاسىلنىڭ يۇقىرىقى ۋە ئالدىنقى بۆلىكى ھەم بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ سىرتقى دىۋارىغا تارقالغان.
3. ئۈستۈن تاماق ئەسەبى ( ئەسەبى پەككى ئەلە ) نىڭ بىر قانچە تارماقلىرى تۆۋەندىكى بوشلۇقتىكى چىگىش سۆڭەك ( ئەزمى مولتەۋى ئەسفەلى ) دائىرىسىگە تارقالغان .
4 . بۇرۇن پەررەك ئەسەبى ( ئەسەبۇلخەيشۇمى ) ۋە باشقا ئەسەب شاخچىلرى ( ئەسەبۇلئەنفى ۋە ئەسەبۇلھەنەكى ) بۇرۇن ئوتتۇرا قىسمىغا تارقالغان ۋە باشقىلار .
ئىنسانلار پۇراش كۈچىنىڭ رولى ئارقىلىقلا نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنى سېزەلەيدۇ . مەزكۇر قۇۋۋەت پەقەت بۇرۇننىڭ ئىچىدىكى يۇقىىرىقى قىسمىدىلا بولىدۇ . بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچىكى سەتھىنى پوتلىسمان پەردە ( غىشائى مۇخاتى ) ئەستەرلەپ تۇرغان بولۇپ ، بۇنىڭدا پۇراش ئەسەبلىرىنىڭ شاخچىلىرى بۇرۇننىڭ تۆشۈكلۈك سۆڭىكى يەنى سەزگۈچى سۆڭەكنىڭ تۆشۈكلىرىگە كېلىپ يېپىلغان بولىدۇ . ئىنسانلار ئاۋازىنى ھاۋانىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئاڭلىغانغا ئوخشاش پۇراشنىمۇ ھاۋانىڭ ۋاستىسى بىلەن پۇرايدۇ . چۈنكى ، ھاۋاغا خۇشبۇي ياكى بەدبۇي ماددىلارنىڭ زەررىچىلىرى تارقالغان بولىدۇ . زەررىچىلەر نەپەس ئارقىلىق پۇراش كۈچىنىڭ ئەسەب شاخچىلىرىغا ئۇرۇلغاندىن كېيىن ئۆز كەيپىياتىدا ئۇلارغا مەخسۇس بىر خىل تەسىر قوزغايدۇ _ دە ، بۇ تەسىر مېڭىگە يېتىپ بېرىپ سەزگۈ ھاسىل قىلىدۇ يەنى ، ئەسلىي ماددىنىڭ پۇراك سىزىمىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا ئىنسانلار بىرر نەرسىنىڭ ھىدىنى ئوبدانراق بىلمەكچى بولسا كۆپىنچە ھاللاردا شۇ نەرسىگە بۇرننى يېقىنرق ئەكىلىدۇ ياكى كۈچەپرەك نەپەس ئالىدۇ . بۇ ، ھاۋاغا تارقالغان ھىدىنىڭ پۇراش ئەسەب شاخچىلىرىغا ئوبدانراق ئۇرۇلۇشى ئۈچۈندۇر .
بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ھەممە قىسملىرىدا يەنە سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى لامىسە ) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قۇۋۋەت بار بولۇپ ، ئۇ سوغۇق – ئىسسىق ، غىدىقلىنىش _ قىچىشىش ، ئاغرىش ۋە بۇرۇن تۆشۈكلىرىگە بولغان بىسىملارنى سېزىشتەك رولغا ئىگە بەزى . ھاللاردا پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممە ) ئۆز رولىنى يوقاتسىمۇ سېزىش كۈچى ( قۇۋۋەئى لامىسە ) ئۆز رولىنى يوقاتمايدۇ .
پۇراش كۈچى بارلىق ھايۋانلاردا ئوخشاش بولمايدۇ . گۆشخور ھايۋانلارنىڭ ھايۋانى ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش كۈچى يۇقىرى ، ئۆسۈملۈك ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش كۈچى تۆۋەن بولىدۇ . ئەكىسچە ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ھايۋانى ھايۋانى ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش تۆۋەن ، ئۆسۈملۈك ماددىلاردىن چىققان پۇراقلارنى سېزىش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ . ئىنسانلاردا گەرچە بۇ خىل پۇراش سېزىمىدىكى خاسلىق تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن ھەرخىل پۇراقلارنى پەرق ئېتىش جەھەتتىكى قابىلىيىتى يەنىلا خېلى دەرىجىدە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ . پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممە ) دىكى بۇ خىل ئوخشاشماسلىق پۇراش نېرۋىسىنىڭ مېڭىدىن ئورتاق ھېس قىلىش ئورنىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتىكى ئوخشىماسلىق پۇراش نېرىۋىسنىڭ مڭىدىن ئورتاق ھېس قىلىش ئورنىنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئوخشاشماسلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك . چۈنكى ئىنسانلار ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلاردۇر . ئىنسانلارغا پۇراقلارنىڭ خۇشبۇي ياكى بەدبۇي سېزىلىشى نىسپىي ھالەتتە بولىدۇ . ئوخشىمىغان كىشىلەردە كۆرۈش كۈچى ۋە ئاڭلاش كۈچى ئوخشىمىغاندەك پۇراش كۈچىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . ئادەم بەدىنىدە ئىچكى پۇراش كۈچى ( قۇۋۋەئى شاممەئى باتىنىييە ) دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل قوۋۋەتمۇ بار . بۇنىڭدا گەرچە سىرتقى دۇنيادا ھېچقانداق پۇراق بولمىسىمۇ ، ئىنسان بىر خىل پۇراق بارلىقىى ھېس قىلىدۇ . بۇ پۇراش ئەسەبلىرىگە بىرەر ئىچكى سەۋەبنىڭ تەسىرى قىلغانلىقىنىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بۇ ئەھۋال گەرچە ئەسەبى مىزاج ( نېرۋا مىزاج ) كىشىلەردە كۆپ ئۇچرسىمۇ ، غەيرىي نورمال ئەھۋال ئاستىدا بەزىدە ئادەتتىكى كىشىلەردىمۇ بۇ خىل ئىچكى پۇراق سېزىمى بولىدۇ ، مەسىلەن : مەلۇم بىر كىشى ھەر دائىم بىر خىل سېسىق پۇراق بارلىقىنى ھېس قىلغان ، ئۆلگەندىن كېيىن بۇرۇن ۋە مېڭىسىنى يېرىپ تەكشۈرگەندە ئالدىنقى مېڭە ئىككى ئۈلۈش قىسمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا خانازىر خاراكتېرلىك ئۆسمە بارلىقى بايقالغان . دېمەك مەزكۇر ئۆسمىدىكى ئوفۇنەتلىك سېسىق ماددىلار مەزكۇر كىشىگە ئىچكى پۇراش كۈچى ئارقىلىق ھەر دائىم سېسىق سېزىم بەرگەن .