بۇرۇن كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

سىرتقى بۇرۇن

     بۇرۇننىڭ شەكلى ئۈچبۇرجەك بولۇپ ، يۈزنىڭ ئوتتۇرىسىغا كالپۇكنىڭ ئۈستىگە جايلاشقان . ئۇنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى تارراق بولۇپ ، پېشانىغا تۇتىشىدۇ . تۆۋەنكى جايلاشقان . ئۇنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپى تارراق بولۇپ ، پىشانىغا تۇتىشىدۇ . تۆۋەنكى تەرىپى كەڭرەك بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئىككى تۆشۈك بولىدۇ . بۇرۇننىڭ ئۈستۈنكى يېرىمى سۆڭەك ، تۆۋەنكى يېرىمى كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ . بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكى ئوتتۇرىسىدا بۇرۇننى ئوڭ ۋە سول ئىككىگە بۆلۈپ تۇرغۇچى بىر دىۋار ياكى تام بار بولۇپ ، ئۇ بۆلگۈچى كۆمۈرچەك ( غوزرۇفى فاسىل ) دەپ ئاتىلىدۇ . بۇرۇن تۆشۈكلىرىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە تۈكلەر بولۇپ ، نەپەسلەنگەندە چاڭ _ توزان قاتارلىقلارنى توساپ قېلىش رولىنى ئوينايدۇ . بۇرۇننىڭ سىرتى ئىككى يان قىسمى ئۈستى تەرەپتە بىرلىشىپ بۇرۇن قىرىنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئالدى تەرەپتە بىر دۆڭچە ھاسىل قىلىپ ئاخىرلىشىدۇ . بۇ بۇرۇن ئۇچى دەپ ئاتىلىدۇ .
    بۇرۇندا 3 سۆڭەك يەنى ئىككى يان سۆڭەك ۋە بىر ئوتتۇرا پاسىل سۆڭەك بولىدۇ . بۇ سۆڭەكلەرنىڭ يۇقىرى تەرىپى تار ئەمما قېلىن ، تۆۋەن تەرىپى كەڭ ئەمما نېپىز بولغاچقا سىرتقى زەخمىگە ئۇچرىغاندا تۆۋەن تەرىپى ئاسانلا سۇنىدۇ ياكى جايىدىن يۆتكىلىپ كېتىدۇ .
    بەش كۆمۈرچەك يەنى ، ئىككى ، يۇقىرىقى يان كۆمۈرچەك ( غۇزرۇفى جانىبەئى ئەلا ) ، ئىككى تۆۋەندىكى يان كۆمۈرچەك ( غۇزرۇفى جانىبەئى سوفلا ) بولىدۇ . بۇ ئىككى كۆمۈرچەك بۇرۇن ئىككى تۈشۈكىنىڭ ئۈستىدە بولۇپ ، ئۇلار قاناتسىمان كۆمۈرچەكلەر ( غوزرۇفى فاسىل ) بولۇپ ، بۇ بەش كۆمۈرچەك مەزمۇت ۋە قېلىن كەلگەن بىر يىپلىق پەردە ( غىشائى غوزورۇفى ) ئارقىلىق بۇرۇننىڭ سۆڭەكلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ . بۇرۇننىڭ ئىچكى تەرىپىنى ئەستەرلەپ تۇرىدىغان بەلغەمسىمان پەردە ( غىشائى مۇخاتى ) تاشقى جەھەتتە بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىگە بۇرۇن تېرىسى ئارقىلىق ، ئىچكى جەھەتتە بۇرۇن غارى ( بۇرۇن بوشلۇقى ) نىڭ ئەستەرسىمان پەردىسى ئارقىلىق تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ .
    سىرتقى بۇرۇندىكى ۋەرىيد تومۇر ( كۆك تومۇر ) لار يۈز قىسمىدىكى كۆك تومۇرلار ئارقىلىق مېڭىگە تۇتىشىدۇ . يۈزدىكى كۆك تومۇرلارنىڭ قاپقاقلىرى بولمىغاچقا قان ئېقىمى يۇقىرى _ تۆۋەن ئېقىپ تۇرىدۇ . شۇڭا بۇرۇندىكى جاراھەتلەرنى قول بىلەن قالايمىقان سىقىپ ئوفۇنەتلەندۈرۈپ قويۇلسا ، ئوفۇنەتلەر مېڭە ئىچىگە كىرىپ كېتىپ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشى ھەتتا ئۆلۈم خەۋىپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button