پەي تارتىشىش كالىتسىي كەملىكتىنمۇ؟
ياشانغانلار بەزىدە كېچىسى تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز پاقالچىكىنىڭ پېيى تارتىشىپ،تۇرۇپ ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئوڭشىلىدۇ.كىشىلەر بۇنى كالىتسىي كەملىكتىن كۆرىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەھۋالنىڭ ھەممىسى كالىتسىي كەملىكتىن بولىۋەرمەيدۇ.ياشانغانلارنىڭ پۇتىنىڭ پېيى تارتىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، كۆپىنچىسى پاچاقنىڭ قان ئايلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئارتېرىيە قېتىشىپ پاقالچاقنىڭ قان ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراىغاندا،پەي تارتىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.چۈنكى بۇخىل ئەھۋالدا پاقالچاققا قان يېتىشمەي ،قان راۋان ئايلىنالمايدۇ.
ياشانغانلار كالىتسىي تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندىن باشقا ،پاقالچاقنى ئىسسىق تۇتۇشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.پاقالچاق قىسىمدىكى ئارتېرىيەنىڭ قاتىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان يۇقىرى قان بېسىم،دىيابىت كېسىلى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشى كېرەك.