پۇت-قول كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان

تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەپلىرى

تىرناقتىكى ئاق داغنىڭ پەيدا بۇلىشى تۇۋەندىكى ئامىللار بىلەن مۇاسىۋەتلىك:

1. تىرناقتا ئاق داغ بولسا، ئورگانىزىمدا كالتىسىي، سىنىك، كرېمنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمىنتلارنىڭ كەملىكىنى ياكى پارازىت قۇرۇت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تىرناقتا ئاق داغ بار كىشىلەر ئوڭاي چارچايدۇ ياكى ئادەت خارەكتىرلىك قەۋزىيەت بۇلىدۇ. ئۇتتۇرا بارماقتىكى تىرناقتا ئاق داغ بولسا، ئومۇرتقا سوڭىكىدە كالتىسىي يىتىشمەيۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بولۇپ، سۆڭەك بۇشىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن.

2. تىرناقنىڭ ھەممىسىدە ئاق داغ بولسا ھەمدە بۇ داغ سرتقى زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىققان بولسا، ئۇنداقتا بۇ جىگەر ياكى بۆرەكتە مەسىلە كۆرۇلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولىشى مۇمكىن.

3. ئەگەر تىرناقتا قايتا-قايتا ئاق داغ كۆرۇلسە، ئۇنداقتا بۇ بەدەندە تۆمۈر كەملىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دەرھال دوختۇرخانىغا كۆرۇنۇپ ، ۋاقتىدا كىسەلگە دىياگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

4. تىرناقتا ئاق داغ كۆرۇلسە ھەمدە بۇ ئاق داغ بار ئورۇن تىرناق يۇزىدىن دۆڭچە شەكىدە كۆپۈپ تۇرسا، نەپەس يولى سېستىمىسىدا سوزۇلما خاراكتىرلىك كانايچە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى بارلىقىنىڭ ئىپادىسى بۇلىشى مۇمكىن.

5. تىرناقتىكى ئاق داغ بار ئورۇننىڭ يېقىن ئەتراپى ھالرەڭدە بولسا، جىگەر قېتىش كۆرۈلگەنلىك ئېھتىماللىقى چوڭراق.

6. تىرناقتا ئاق داغ بولۇپ، تىرناق تۇۋىدىكى ئاق رەڭلىك يېرىم ئايسىمان رايون قىزىل رەڭگە ئۆزگەرگەن بولسا، يۈرەكتە مەسلە بارلىقىنىڭ بېشارىتى بولۈشى مۇمكىن.

7. تىرناقنىڭ يېرىمىدن كۆپرەكى ئاقرىپ كەتسە ھەمدە تىرناق ئۇچىدا كىچىك قارا داغلار پەيدا بولسا، بۆرەكتە يوشرۇن كېسەللىكلەر  بارلىقنىڭ بىشارىتى بۇلىشى مۇمكىن.

8. تىرناقتا توغىرسىغا ئاق رەڭلىك يول- يول سىزىقلار پەيدا بولسا، جىگەردە كېسەللىك بارلىقىنىڭ بشارىتى بولىشى مۇمكىن.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button