رېماتىزىم كېسەللىكىسەھىپە ئايرىلمىغان
رىماتىزىمنى ھورداپ داۋالاش
1. ھاك چىلىغاندا چىققان ھورغا بوغۇملارنى تۇتۇپ ، تېرە كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە بىر قانچە قېتىم ھوردىسا ، رېماتىزم ئاغرىقى ئارام بېرىدۇ .
2. چاققان ئوتىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ ، چىلەككە سېلىپ سۇ قويۇپ قاينىتىپ ، چىلەك ئۈستىگە سىم تور يېيىپ ، پۇتنى قويۇپ ئۈستىنى ئەدىيال بىلەن ئوراپ ، تېرە كۆيمىگۈدەك دەرىجىدە بىر قانچە قېتىم ھوردىسا مەنپەئەت قىلىدۇ .
3. ئادراسمان ئۆسۈملۈكىنىڭ چۆپى ۋە ئۇرۇقىدىن مەلۇم مىقداردا ئېلىپ ، يۇقىرىقى ئۇسۇلدا كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۇدا بىر قانچە كۈن ھوردالسا ، رېماتىزم ئاغرىقىنى يوقىتىدۇ .