سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكلىرى

مەقئەت قىچىشىشنىڭ سەۋەبى

ئادەتتە مەقئەت قىچىشىشنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ. بۇ سەۋەبلەردىن ئىچكى ئىشتان (كۇسار) بەك تار، چىڭ بولۇپ قېلىش، تازىلىققا دىققەت قىلماسلىق ياكى تېرە كېسەللىكى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىشى، ۋەياكى گىمروي دورىلىرى قاتارلىق بىر قىسىم دورىلارنىڭ (مەسىلەن، ئەتىرە، ئاپېلسىن تىپىدىكى ئىچىملىكلەر، پىۋا، كافېي، كولا) ياكى ئانتىبىئوتىك (抗生素) دورىلىرى (بولۇپمۇ تېتراسىكلىن (四环素) تېپىدىكى دورا) لارنىڭ ئەكىس تەسىر بېرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
مەقئەت بەزىدە يېنىك تىپتا قىچىشىدۇ. ئەمما قىچىشىش ئېغىر بولغاندا، ئۇزاق ۋاقىت داۋالانمىغاندا، قىچىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. قىچىشىش كېسىلى بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان، قىسمەن خاراكتېرلىق نېرۋا فونكىسىيەلىك توسالغۇغا ئۇچىراش خاراكتېرلىق تېرە كېسەللىكى بولۇپ، ئومۇمەن پەقەت مەقئەت ئەتراپىدىلا كۆرۈلىدۇ. بەزىدە يەنە چاتراق، تاشقى جىنسى ئەزا ياكى ئۇرۇقدان خالتىسى قاتارلىقلارغا تارقىلىشى مۇمكىن. كۆپ ئەھۋالدا 20-40 ياشلىقلار، ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. 20 ياشلىقتىن تۆۋەن ياشلاردا نىسبەتەن ئاز كۆرۈلىدۇ. بالىلاردا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ.
دائىم كۆرۈلىدىغان مەقئەت قىچىشىش كېسەللىكلىرىدىن:
1. مەقئەت تۈز ئۈچەي كېسەللىكلىرى. مەسىلەن: مەقئەت يېرىلىش، سوڭ ئاقمىسى (肛瘘)، گىمروي، مەقئەت كاۋىكى ياللۇغى (肛窦炎)، مەقئەت توپچا ياللۇغى (肛乳头炎)، تۈز ئۈچەي چىقىش (直肠脱垂)، مەقئەت تۇتالماسلىق قاتارلىقلار مەقئەت ئېغىزى ئاجراتما ماددىلىرىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەنلىكتىن تېرىنىڭ قىچىشىشى كېلىپ چىقىدۇ.
2. مەقئەت تېرە كېسەللىكى. مەسىلەن: مەقئەت ھۆل تەمرەتكىسى (肛门湿疹)، نېرۋا خاراكتېرلىق تېرە ياللۇغى، تەمرەتكە، ھەر خىل سۈگەل، جىنسىي كېسەللىك، تەر بېزى ياللۇغى قاتارلىقلار، چوڭ تەرىتى مەقئەت ئەتراپىدىكى پۈرمىلەرگە يۇقۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن تېرىنىڭ قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. ئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى. مەسىلەن: دىئابېت كېسەللىكى بىمارلىرىنىڭ تېرىسىدە قەنت مىقدارى كۆپ بولغانلىقتىن، نېرۋا ئاخىرقى ئۇچىنى غىدىقلاپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش تېرىنىڭ قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بەزىدە كۆپ تەر چىقىش، ئاساسىي مىتابولىزم ئېشىش، كەيپىيات جىددىيلىشىش قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. 4. زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى. غىدىقلاش خاراكتېردىكى دورىلارنى ئىشلەتكەندە، مەسىلەن، لازا يېيىش، قىچا تالقىنى، خۇشپۇراق يېمەكلىكلەر، پىۋا ياكى ئالاھىدە ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر، بەزى دورىلار، مەسىلەن: سۇلفونامىدلار (磺胺类药物) تىپىدىكى ئانتىبىئوتىكلار قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تېرىدە زىيادە سېزىمچانلىق ئىنكاسى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
5. جىگەر، بۆرەك كېسەللىكلىرى. بىرلەمچى ئۆت مەنبەلىك جىگەر قېتىشىش ياكى جىگەر يولى ئىتىلىپ قالغان بىمارلاردا قان ۋە تېرىدىكى ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىش قاتارلىقلار نېرۋا ئاخىرقى تۈگۈنىنى غىدىقلاپ قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۆرەك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىشمۇ مەقئەتنىڭ قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. پارازىت قۇرت كېسەللىكى. مەسىلەن: سازاڭسىمان مەددە قۇرت، 脱虫، جىنسىي يول تامچە قۇرتى (阴道滴虫)، دوۋسۇن پىتى (阴虱)، قوتۇر (疥疮) قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەقئەتنىڭ قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. روھى ئامىل. نېرۋا ئاجىزلىق، ئىستېرىيە كېسىلى (癔病)، زىيادە روھى چارچاش، ھاياجانلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نېرۋا ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كۆپۈنچە پۈتكۈل بەدە ياكى مەقئەت، چاتراق قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلىدۇ.
8. مۇھىت ئامىلى. ئىچكى ئىشتان ياكى قەغەزدە سۈرتكەندە غىدىقلىنىش سەۋەبدىن بولۇشىمۇ مۇمكىن. قىشتا تېمپىراتورا تۆۋەن بولغانلىقتىن، ياغ بېزى ئاجراتمىلىرى ئازلاپ، قورغاقلىقتىن ئاسانلا يېرىلىپ كېتىش كېلىپ چىقىدۇ. ياز پەسلىدە تېپمىراتۇرا يۇقىرى بولغانلىقتىن كۆپ تەر چىقىپ، مەقئەت ئەتراپىنىڭ ھۆللۈكىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button