بۆرەك ۋە سۈيدۈك يولىغا تاش چۈشۈش
بۇ ___بۆرەك ،سۇيدىك نەيچىسى ،دوۋساق قاتارلىقلاردا پەيدا بولىدىغان ،سۇيدىك تەركىۋىدىكى چۆكۇشكە مايىل ھاك ،تۇز ۋە شىللىق پەردە ئاجرالمىللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشى ،تۇسۇلۇش نەيچىسىدە چۆمىگە ئايلىنىپ بارا- بارا يىغىلىپ كاللاكلىشىۋېلىش سەۋىبىدىن تاشنى شەكىللەندۇرىدىغان كىسەللىك ، بۇ خىل كىسەللىكتە بەل ئاغرىش ،ئاغرىق كىندىك ئاستى ۋە جىنسى ئەزاغىچە تارقىلىش بەزىدە تۇتقالىق تولغاپ ئاغرىش ،ئاغرىق بەك تۇتقاندا قان سىيىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ؛سۇيدۇك قانىلىدا تاش پەيدا بولغاندا قاتتىق تۇتقاندا ھەر قېتىم سىيگەندە قان سىيىش ئالامەتلىرى بىلەن ؛دوۋساققا تاش پەيدا بولغاندا سۇيدۇك راۋان بولماسلىق ،كىندىك ئاستى ئاغرىش ،بالىدا كۆرۇلگەندە تىپىچەكلەپ زوڭ ئولتۇرۋېلىش ،بىر قولى بىلەن جىنسى ئەزانى تۇتىۋېلىش ،سۇيدۇك يولىدا تاش تۇرۇپ قالغاندا بالا سىيەلمەي قاتتىق ئاغرىپ قىينىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،دوۋساققا سۇيدۇك يىغىلىپ قېلىش ،دوۋساق جىددى كۇيۇپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۇلىدۇ .