مېڭە ئۆسمىسىنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى
ئىلگىرى ، مېڭە ئۆسمىسى ياش – ئۆسمۈرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدۇ ، دەپ قارىلاتتى . چۈنكى ياش ئۆسمۈرلەر گىرىپتار بولىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەر تۇرى ۋە سان جەھەتتىن بىر قەدەر ئاز بولغاچقا ، مېڭە ئۆسمىسى بەك گەۋدىلىك بولاتتى . ئەمەلىيەتتە ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ، ياشانغانلاردا مېڭە ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ . مېڭە ئۆسمىسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىقلانغىنى يوق .
شۇڭا ، تۆۋەندىكى ئالامەتلەر بايقالغان ھامان ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش لازىم :
1. باش ئاغرىش ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قۇسۇش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىش ؛
2. تۇيۇقسىز تارتىشىپ قىلىش ، بولۇپمۇ تارتىشىش بىر تەرەپتىكى پۇت – قولدىن باشلىنىپ ، ئاخىرىدا بارا – بارا تەرەققى قىلىپ پۈتۈن بەدەن تارتىشىش .
3. يىرىم بەدەن پالەچ بولۇپ ياكى ماغدۇرسىزلىنىپ بارا- بارا ئېغىرلىشىش ؛
4. كۆزىنى ئاچالماسلىق ، مەۋھۇم تەسۋىر پەيدا بولۇش ، سۆزلەش ياكى يۇتۇش قىيىنلىشىش ؛
5. باش قىيىش ، مەزمۇت قەدەم تاشلىيالماسلىق ، ھەرىكىتى ئاستا ، مەستكە ئوخشاش ئەلەڭ – سەلەڭ بولۇپ قىلىش ؛
6. ئىچكى ئاجراتمىلار تەڭپۇڭسىزلىشىش ، ئالايلۇق يۇقىرى قان بىسىم ، سېمىزلىك ، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ، ئەرلىك جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش ، ئاياللارنىڭ ھەيز توختاش ياكى پۇت – قول يوغىناپ كېتىش ، شەكلى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ؛ 7. خاراكتېرىدە ئۆزگىرىش يۇز بېرىش . ئىلگىرى بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغاندا كەمتەر ، ئېھتىياتچان ئادەم قولىنىڭ ئۇچىدىلا ئىش قىلىدىغان بولۇش ياكى كەلسە – كەلمەس چاقچاق قىلىش ، كۈنبويى ھىجىيىپ ، بىر ئىشلارغا ئېرەن قىلماسلىق