ئۆتتە تاش پەيدا بولغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
ئەتىگەنلىك تاماقنى چوقۇم ۋاقتىدا يېيىشى لازىم . ئەگەر ئەتىگەنلىك تاماق يېيىشكە سەل قارالسا، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خلتىسى ئىچىدە ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ قېلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىشقارلىق دەرىجىسى ئېشىپ، ئۆتتە تاشنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا، ئەتىگەنلىك تاماق بەكمۇ مۇھىم .
دائىم چېنىقىپ تۇرۇشى لازىم . ئوتتۇرا ياش ئاياللار ئادەتتە ئۆي ئىشلىرى بىلەن كۆپرەك بەنت بولغاچقا، چېنىقىشقا ئانچە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . نەتىجىدە ئۆت خالتىسىنىڭ قىسقىراش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تىنىپ قېلىشىنى پەيدا قىلىپ، ئوڭايلا تاش پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ يېمەك – ئىچمىكى تەرتىپلىك بولۇشى، بەدەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىشى، گۆشلۈك ۋە گۆشسىز تاماقلارنى تەڭشەپ يېيىشى لازىم.