بەل ئاغرىش ۋە بەل ئومۇرتقا كېسىلى
بەل ئاغرىش – بەل ئومۇرتقا كېسىلىنىڭ بىر تۈرلۈك كېسەل ئالامىتى، ئەمما بىردىن بىر ئالامىتى ئەمەس. بەل ئاغرىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى 4 تۈرلۈك بولىدۇ.
1. بەل ئومۇرتقا بوغۇمى ۋە ئەتراپىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلاردا كېسەل ئۆزگىرىشى پەيدا بولسا، مەسىلەن، سوقۇلۇپ يارىلىنىش، قايرىلىش، ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چىقىپ قېلىش، ئومۇرتقا كانىلى تارىيىش، دائىرىلىك زەخىملىنىش، قاناش، سولۇق ئىششىق، مۇسكۇل تارتىشىپ قېلىش قاتارلىقلار؛
2. بەل ئومۇرتقا كانىلىدىكى يۇلۇن ياكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىدە كېسەل ئۆزگىرىشى پەيدا بولسا، مەسىلەن، يۇلۇن ياللۇغى، يۇلۇن نېرۋا ياللۇغى قاتارلىقلار؛
3. ئىچكى ئەزالاردا كېسەل ئۆزگىرىشى پەيدا بولسا، مەسىلەن، ئاياللاردىكى بالىياتقۇ ياللۇغى، تۇخۇمدان ياللۇغى، داس بوشلۇقىدا كېسەل ئۆزگىرىشى پەيدا بولۇش قاتارلىقلار.
4. روھىي كەيپىياتنىڭ تەسىرى، مەسىلەن، ھىستېرىيە كېسىلى (نېرۋا خىزمىتى بۇزۇلۇش كېسىلى) دىمۇ بەل ئاغرىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. بەل ئومۇرتقا كېسىلىدە بەل ئاغرىش بىلەن بىللە بىر قاتار كېسەل ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، بەل ئومۇرتقا تەخسىسى چىقىپ قېلىش كېسىلىدە ئولتۇرغۇچ سۆڭەك ئاغرىش، پاقالچەك ياكى يوتا ئۇيۇشۇش، ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەل ئومۇرتقا سىلى (تۇبېركۇليوز) دىمۇ ئېگىلگىلى بولماسلىق، ماغدۇرسىزلىق، تەرلەش، قىزىش، ئورۇقلاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، بەل ئاغرىسا، قالايمىقان دورا يېمەي، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، كېسەلگە ئېنىق دىئاگنوز قويدۇرۇپ، ئاندىن داۋالىنىش كېرەك.