سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكى

چوڭ بوغۇملار ئاغرىقى ( موفاسىل ) كېسەللىكى

1.      تونۇش :

مۇفاسىل كىسەللىكى ھەر خىل سەۋەبلەردىن چوڭ بۇغۇملارنى ئوراپ تۇرغۇچى پەي تارىمۇشلار ۋە بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار ياللۇغلىنىپ كىلنىكىدا چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خاراكتىرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت.

كىسەللىك سەۋەبىگە قارتا ئۇيغۇر تىبابىتى خىلىتىلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋداۋە سەپرا خىلىتىنىڭ يەككە ياكى مورەككەپ ئوزگىرىشى تەسىرىدىن بۇ كىسەللىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ .

2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :

 ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:

1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :

ئاساسەن نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.

2)   تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:

ئوتكور بوغوم ياللۇغىنىڭ كىسەللىك تەرەققىياتى تىز ھەمدە ئوتكۇر بولىدۇ ، تىپىك كىلنىك ئالامىتىدىن كىسەللەنگەن بوغوملار كۇچلۇك ئاغرىش ، قىززىش ، ھەركەت قىلىشقا جۇرئەت قىلالماسلىقتىن سىرىت ئومومى بەدەن قىززىش ، ئۇسساش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىرش ، ئۇيقۇسىزلىق ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ،كىچىك تەرەت نىسپەتەن ئاز ، رەڭگى سىرىق كىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ ، ۋاختىدا داۋالىنىش ئىلىپ بارماسلىق ياكى خاتا داۋالىنىش سەۋەبىدىن تىزلا سوزولما ھالەتكە ئوتوپ كىتىدۇ . سوزولما ھالەتتىكى تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرىدىن  چوڭ بۇغۇملار ئاغرىش، ئىشىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، قىتىشىش ، ھەركەت چەكلىمىگە ئۇچراش بولىدۇ ، ئومومى بەدەن ئالامىتى ئادەتتە كورونەرلىك بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچى ئامىللار يەنىي ، يەللىك غىزالار ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، كۇچەپ ھەركەت قىلىش ، زۇكامداش ۋە باشقا قوزغاتقۇسى ئامىللار تەسىر قىلغاندا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى كورونەرلىك ئىغىرلاشقاندىن سىرىت ئومومى بەدەن ئالامەتلرىىدىن قىززىش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىراش ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشولوپ كىلىدۇ .

3)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

WBC , C-RP, ESR, ASO دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، خالتىلىق ئوزگىرىش بولوش ، بوغومغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى نورمال بولوش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .

3.    خاراكتىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىش

كىسەللىك  خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوتكور ۋە سوزولما دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ .

ئوتكۇر مۇفاسىل : غەيرى تەبىي قان ۋە سەپرا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.

سوزولما مۇفاسىل : غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتى تەسردىن كىلىپ چىقىدۇ .

4.    دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :

1)     قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

2)    شورلۇق بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

3)     تەمسىز بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

4)    موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

5)     گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

6)    تۇخۇم سېرىق رەڭلىك سەپرا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

7)     غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

8)     زەخمىلىنىش تەسىرىدىن كىلىپ چىققان مۇپاسىل.

5.    كىلىنكىلىق تىپقا ئايرىش :

خاس مەنبەلىك ۋە شىرىك مەنبەلىك دەپ ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. خاس مەنبەلىك مۇفاسىل خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ ، كوپونچە ئوتتىرا ياش ۋە ياشانغانلاردا ، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كوپرەك كورىلىدۇ . شىركى مەنبەلىك مۇفاسىل ياشلاردىمۇ يۇز بېرىدۇ. زەخمە، باشقا ئورونلاردىكى ياللۇغ، بوغۇم تۇراقسىزلىقى، سۇزۇلما تەكىرار يىغىلىش خاراكتېرلىك چارچاپ زەخمىلىنىش ياكى توغۇلما بوغۇم كېسەللىكى قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.

6. داۋالاش پىرىنسىپى :

ئوتكور مۇفاسىلنىڭ داۋالاش پىرىنسىپى :

(1) مىزاجنى تەڭشەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، قىززىتما پەسەيتىش ، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(2) ماس كەلگەن فىزىكىلىق داۋالاشلار تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

(3) ھەزىمنى كۇچەيتىش ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(4) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .

سوزولما مۇفاسىلنىڭ داۋالاش پىرىنىسپى:

(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.

(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى -سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگەئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button