سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكى

غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان سوڭەكلىشىش خاراكتىرلىك تىز بوغۇم ياللۇغى

1)    دىئالىكتىك ئانالىز :

 غەيرى تەبئى سەۋدا خلىتى تىز بۇغۇم ۋە سۆڭەك ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارغا تەسىر قىلىپ چۆكمىگە چۇشۇپ، يەرلىك ئۇرۇننڭ ماددا ئالمىشىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچۇرتۇپ، قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، بولۇپمۇ ئۆزگەرتكۇچى ۋە شەكىللەندۇرگۇچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تىز بۇغۇم سۆڭەك توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيشىدە نورمالسىزلىق يۈز بىرىپ سۇڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .

2)   ئالامىتى :

تىز بۇغۇمى ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش قاتارلىق ئورتاق ئالامەتلەردىن سىرت سەۋدا غالىپلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بەدەن تېرىسى قولغا قورغاق، سوغۇق بىلىندۇ. چىرايى نۇرسىز، قاپاقلىرى تۈرۈلگەن، ھارارىتى تۆۋەن، تېرىلىرى قۇرغاق، يىرىك، ئېغىز تەمى بەدتەم، ئاچچىق بولىدۇ. ئۇيغۇسى ئاز، ئۇخلىغاندا جۆيلىيدۇ. تىل ئۇستىدە كۆكۈش ياكى قارامتۇل گەز باغلىغان بولىدۇ. تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، قاتتىق، ئۇزۇن، يۈزەكى سالىدۇ. سۈيدۈكى ئاقۇشقا مايىل دۇغ ھالەتتە كىلىدۇ. ئاغرىش يەڭگىل، سوزۇلما بولىدۇ، تېرىسى قارامتۇل، بىماردا كۆپۈنچە خىيالچانلىق، كېسىلىدىن غەم- ئەندىشە قىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، نەم، ئىسسىققا يولۇققاندا راھەت ھىس قىلىدۇ، تىز بۇغۇم ساھەسىدە قىتىۋىلىش ئەھۋاللىرى كۆپرەك ئۈچرايدۇ. كۆپۈنچە زىيادە قۇرۇق – سوغۇق تەبىئەتلىك، غىدىقلىغۇچى يىمەك  – ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .ئەتتىگەندە ئۇرنىدىن تۇرغاندا تىز بۇغۇم ساھەسى قىتىۋىلىش ، تۇۋەنكى مۇچە ھەركىتى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىراش ،ھەركەت دائىرسى تۇۋەنلەش ، ئۇيقۇسى  يۇق  بۇلۇش ،  خىيال قىلىشى كۇچۇيۇپ كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۇرۇلىدۇ .

3)    داۋالاش ئۇسۇلى:

مۇنزىچ مۇسھىل بىلەن داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ.

دەسلەپتە غەيرى تەبىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ غەيرى تەبىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .

ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان سەۋدائى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار

مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.

بۇزۇق ماددىلارنى ، يەللەرنى تارقىتىش ، سوڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ۋە ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس ھەببى سەكبۇنەچ ، ھەببى بەريۇما تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

قۇرسى سۆرۈنجان، ھەببى سۆرۈنجان، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، قۇرسى كۇرسىنگى، قۇرسى مەنتىن ، ھەببى لوبوبى كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن ، ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن، ئەبرىشىم دانچىسى ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت.

ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە، پىننە گۇلقەنىتى، نارپىننە ئىچىملىكى ،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .

ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، ئارتۇقچە ھوللوكنى ھەيدەش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .

ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ.

قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى،قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .

يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى  يىمەكلىكلەر لازا –  ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن ، زىيادە ھېرىپ – چارچاشىتىن ، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن ، زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button