مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سوڭەكلىشىش خاراكتىلرىك تىز بوغۇم ياللۇغى

1) دىئالىكتىك ئانالىز :
مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتى تەركىبىگە كۇيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ قۇشۇلۇشىدىن شەككىللەنگەن بۇلۇپ قىيامى قۇيۇق ،قىرىق تەمگە كىرىپ قالىدۇ ،بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ تۇز بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، بۈ خىل قۇيۇق خىلىت ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تىز بۇغۇمىدا سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ
2) ئالامىتى :
بەدەندە بەلغەم خىلىتىغا سەۋدا خىلىتى ئارلاشقاننىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ بەدەن تىرىلىرى قولغا سۇغۇق بىلىنىدۇ، ئۇيقۇسى كۆپرەك، چۇش كۆپ بولىدۇ، بىمار سىمىزرەك كېلىدۇ، كۇز ئىقى كۆكۇش ئاق، تېلىدا ئاقۇش كۆك گەز بۇلىدۇ، تۇمۇرى تۇم ،ئاستا، سوغۇق، ئاجىز، بوش، لەيلىمە سالىدۇ، ئىغىز تەمى تەمسىز ياكى قىرتاق بۇلىدۇ، سۈيدۇكى ئاقۇش كېلىدۇ، ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ، كۆپۈنچە سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .بىمار خىيالچان بولىدۇ، ھەر دائىم ئۆزدىكى كېسىەللىكتىن غەم قىلىدۇ.تىز بوغۇم چوڭقۇر قىسىمى ئاغىرىش گەۋدىلىك بولۇپ ئسسىققا يولۇقسا راھەت ھىس قىلىدۇ، كۆپۈنچە ھۆل سوغۇق تەبىئەتلىك يىمەكلەرنى زىيادە ئىستىمال قىلىشتىن قوزغۇلىدۇ.
3) داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-15 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ موزا تەملىك بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-6 كۇن بىرىلىدۇ .
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە : مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ .
بۇزۇق ماددىلارنى ، يەللەرنى تارقىتىش ، سوڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ۋە ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس ھەببى سەكبۇنەچ ، ھەببى بەريۇما تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، ئەرقى بەدىيان ، ئەرقى شوخلا، ئەرقى چوبىچىن ، ھەببى ماتىدىل ھايات ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر، قۇرسى كۇرسىنگى ،قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن15-25 كۇن تاللاپ بىرىلىدۇ .
نارپىننە ئىچىملىكى، قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، پىننە گۇلقەنىتى،قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىكى،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.
سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن، زىيادە ھېرىپ-چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن،زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.