سۇڭەكلىشىش خارەكتىرلىك تىز بوغۇم بوغۇم ياللۇغى ۋەۋەلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
1. تونۇش :
سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك تىز بوغۇم ياللۇغى كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان لېكىن كېلىنكىلىك ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، بوغۇم كۆمۇرچىگى بۇزۇلۇش، سۇڭەك ماددىسى ئۆسۈش گەۋدىلىك بولغان ئاستا خاراكتېرلىك بوغۇم كېسەلىكىدۇر.ئۇيغۇر تىبابەت قەدىمى كىتاپلىرىدا مۇپاسىل،تىز بوغۇم ئۆسۇكچىسى دىگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ كەلگەن بولۇپ كېسەلىكنىڭ پۇتكۇل جەريانى پەقەت بوغۇم كۆمۈرچىكىگىلا تەسىر كۆرسۈتۈپ قالماستىن پۇتكۇل بوغۇمغا يەنى سۇڭەككە، تارامۇشلارغا، بوغۇم خالتىسىغا، سىلىقلاشتۇرغۇچى پەردە ۋە بوغۇم ئەتىراپىدىكى مۇسكۇللارغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ.كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا ئۇيغۇر تىبابىتى غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ ئوزۇن ۋاقىت بوغۇم يۈزىگە ئولتۇرۋېلىشىدىن ياكى غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن بوغۇم يۈزىدە سۆڭەك ئۆسۈشنى پەيدا قىلىپ بۇ كېسەلىكنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ.
بۇ خىل كېسەل ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ، مەلۇم بۇلىشىچە مەملىكىتىمىزدە كىسەللىك يۈز بېرىش نىسپىتى% 8.3كە يەتكەن. ئاياللاردا كۆپ بۇلۇپ%74نى ئىگەللەيدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا 40ياشلىقلارد%10-%17نى 60ياشتىن يۇقىرلاردا%50نى 75ياشتىن يوقۇرلاردا%80نى ئىگەللەيدۇ. مەزكۇر كىسەل بىلەن مېيىپلىنىش نىسپىتى %53كە يېتىدۇ.
2. ئۇيغۇر تىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1) كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
كىسەل ياشانغانلار ۋە زەخمىلنىش تارىخى بارلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ، قۇۋەتلەر تەڭپۇڭسىزلىغىدىن سۆڭەككە ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ،يېشى، بەدەن ھالىتى، كەسپى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
كىسەلنىڭ تەرەققىياتى ئاستا ،خىلىت (مىزاج)غا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەردىن سىرت ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلىرى ئاز بولۇپ كىسەللىك ئالامىتى ئاساسەن كىسەللەنگەن تىز بوغۇمدا بۇلىدۇ.
2) تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
بوغۇم ئاغرىش، قېتىۋىلىش ،ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچراش ، ھەركەتلەندۇرگەندە سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى(سېزىمى)بولۇش ، بوغۇمغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش، غەيرىلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.
قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
رىنتىگىنلىق رەسىمدىكى ئىپادىسى: بوغۇم ئارلىقى تەرتىپسىز تارىيىش، كۆمۇرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش ۋە خالتىلىق ئۆزگۇرۇش ، بوغۇم ئەتراپىدىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۇش ۋە سۆڭەك قىرى شەكىللىنىش، ئەركىن تەنچە پەيدا بۇلۇش ، بوغۇمنىڭ شەكلى ئۆزگۇرۇش ، يېرىم چىقىق شەكىللىنىش قاتارلىقلار.
3. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش:
1) موزا تەملىك بەلغەم بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك تىز بوغۇم بوغۇم ياللۇغى
2) گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك تىز بوغۇم بوغۇم ياللۇغى
3) غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تىز بوغۇم سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى
4. كېلىنكىلىك تىپقا ئايرىلىشى:
خاس مەنبەلىك ۋە شىرىك مەنبەلىك دەپ ئىككى تىپقا بۆلۈنىدۇ. خاس مەنبەلىك تىز بوغۇم سۇڭەكلىشىش بوغۇم ياللۇغى ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچۇرايدۇ، سەۋەبى ئېنىق ئەمەس،مىزاج ۋە خىلىت، ئېرىسىيەت، بەدەن سۈپىتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.شىرىك مەنبەلىك تىز بوغۇم سۇڭەكلىشىش خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى ياشلاردىمۇ يۇز بېرىدۇ.زەخمە، ياللۇغ، بوغۇم تۇراقسىزلىقى، سۇزۇلما تەكىرار يىغىلىش خاراكتېرلىك چارچاپ زەخمىلىنىش ياكى توغۇلما بوغۇم كېسەلكى قاتارلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
5. داۋالاش:
داۋالاش پىرىنسىپى :
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2)بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى -سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .