سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكى

سۆڭەك سىلى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى

1.      تۇنۇش:

سىل تاياقچە باكتىريەسىدىن يۇقۇملىنىش ، ئىرسىيەت تەسىردىن كىلىپ چىقدىغان كىسەلللەنگەن ئوروننىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن  كىلنىك ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدىغان سوزلما خاراكتىرلىك كىسەللىك

گەرچە بۇخىل كىسەللكنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سىل باكتىريەسى بولسىمۇ، لىكىن ئۇيغۇر تىبابىتىدە خىلىتىلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتىنىڭ يەككە ياكى مورەككەپ ئوزگىرىشى بۇخىل كىسەللىكىنىڭ پەيدا بولوشى ۋە تەرەققى قىلىشىغا ئىچكى شارائىت ھازىرلاپ بىرىدۇ دەپ قارايدۇ .

بۇ خىل كىسەللىك ئاساسەن ياشانغانلاردا، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، مىزاج جەھەتتىن ھۆل– سۇغۇق مىزاجدىكى كىشىلەردە، ئاساسەن نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆپرەك يۈز بىرىدۇ.

2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :

1.3.          ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:

1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :

ئىلگىرى سىل كىسەللىكىكى بىلەن ئاغرىغان ياكى ئاتا –ئانىسدا سىل كىسەللىك تارىخى بولغان ، نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، ھول – سوغوق يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.

2)   تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:

كىسەللەنگەن ئورون يىقىمسىز تىلىش ، ئىغىرلىق ھىس قىلىش، ئاسان توقوش ياكى شامالداش ، ماغدىرسىزلىق ، كوپ تەرلەش ، ئاسان چارچاش ، ئاسان زۇكامداش ، ئوروقلاش قاتارلىقلارغا ئاساسەن .

3)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

WBC , ESR, Tb-Ab دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن سوڭەك زىچلىقى توۋەنلەش ، ئىغىر بولغاندا سوڭەك رەڭگى سۇسلىشىپ كىتىش  ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .

2.3. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :

1)     تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سوڭەك سىلى

2)    موزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سوڭەك سىلى

3)     غەيرى تەبىي سەۋدا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان سوڭەك سىلى

8. داۋالاش :

2.8 داۋالاش پىرىنسىپى :

 (1)  سىل تايەقچە باكتىريەسىنى كونتىرول قىلىش ، يوقۇتۇش مەخسىتىدە دورا بىرىلىدۇ .

مىزاجنى تەڭشەش مەخسەتتە دورا بىرىلىدۇ.

(2) ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى – سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .

2.3.8. داۋالاش ئۇسۇلى :

سىل جاراسىمىنى يۇقىتىش، كونتىرول قىلىش ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە توۋەندىكى سەرتان شەربىتى تەييارلاپ8-12 كۇن بىرىلىدۇ .

بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار

يۇقارقى مەخسەتتە چايلىق ، سەرتان گۇلقەنىتى ، ھەببى سەرتان ، سۇپۇپى سەرتان ، مەجۇنى مورمەككى مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قايسى خىل خىلىتتا غەيرى تەبىي ئوزگىرىش بولغان بولسا شۇ خىلىتىنىڭ مۇنزىچ مۇسھىلى كىسەللىك ئەھۋالى ۋە تەرەققىياتىغا ئاساسەن قائىدە بويچە تاللاپ بىرىلىدۇ ،

ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، رەئىس ئەزالارنى قوغداش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

سۇپۇپى سەرتان كاپسولى، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ،قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،ئەرقى بەدىيان، ئەرقى شوخلا ،ئەرقى چوبىچىن، قۇرسى ئۆشبە، مۇنزىچ دانچىسى ،كاشكاپ دانچىسى ، ھەببى لوبوبى كەبىر ، ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت،ئەبرىشىم دانچىسى،داۋائىل مىشكى .

ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر،قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە ، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى،قۇرسى ئامىلە نۇشدارى،ناپىننە ئىچىملىكى .

ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە:  تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ، قۇرسى داۋائىل مىشكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجىبۇيا شەربىتى، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، سۇنبۇل شەربىتى، قۇرسى نۇجاھ .

يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

ھالۋايى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3  قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

9.    پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك-ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتالىقلاربىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

سۇغۇق ئۆتكۈزىۋېلىشىتىن ، زىيادە ھېرىپ- چارچاشىتىن ، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن، زۇكامداپ قېلشىتىن، زىيادە قۇرۇق سۇغۇق مۇھىيتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشتىن ساقلىنىپ، ياشاش مۇھىيىتى ۋە خىزمەت مۇھىيىتىنى تەڭشەپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا، مۇۋاپىق ھەركەت قىلىشقا دىققەت قىلىش.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button