سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكى

گەجسىمان بەلغەم خىلتىدىن كىلىپ چىققان بۇيۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇش كىسىلىنى داۋالاش

1)    دىئالىكتىك ئانالىز :

گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتىگە يۇقۇرى ھارارەتتىكى ئىسسقلىق تەسىرقىلىشى بىلەن   بەلغەم خىلىتى قىيامى قۇيۇلۇپ ،سۇيۇق ،ئىقىشچان خۇسۇسىيىتى يۇقۇلۇپ چۇكمىگە چۇشۇشىنى كۇرسىتىدۇ ، بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ بۇيۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە تەسىر قىلىپ ئۇمۇرتقا سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، غەيرىئى تەبىئى خىلىتلار بەدەن ھارارىتىنى تۆۋەنلىتىپ، روھ ۋە قۇۋۋەتلەرنىڭ ھاسىل بولۇشى ۋە ئالمىشىشىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش پائالىيتىنى سۇسلاشتۇرغانلىقتىن، بەدەندىن چىقىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولغان كېرەكسىز ماددىلار ئىسسىقلىق ئېنېرگىيسى كەم شارائىتتا تولۇق چىقىپ كېتەلمەي ئەزا، توقۇلمىلارغا يىغىلىپ قىلىپ، ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ۋە ئەتىراپتىكى پەي- مۇسكۇل، تارامۇشلارغا سىرغىپ چۇشۇپ، قۇۋەتلەرنىڭ خىزمەت پائالىيىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش، يەرلىك ئۇرۇننىڭ ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىش نەتىجىسىدە بۇيۇن ئۇمۇرتقائارلىق تەخسىس ھالقىسىمان تالالىرىنى چۇرۇكلەشتۇرۇپ ھالقىسىمان تالانىڭ ئۇزۇلۇشى ۋە يىلىك يادىرۇسىنىڭ ئۇمۇرتقا كانىلىغا ئىقىپ چىقىشى بىلەن   شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگۈرۈشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

2)   ئالامىتى :

 بۇيۇن قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش، كېسەللىك جەريانى جىددى، گەۋدىلىك بولۇش بىلەن بىرگە، بەلغەم خىلىتىغا ئۆتكۈر ھارارەت تەسىر قىلغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ يەرلىك ئۇرۇن ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ ، بەدەن تېرىلىرى قولغا ئىسسىقراق بىلىنىدۇ، كۆز ئېقى ساغۇچ ئاق ياكى كۆكۈش ، تېلىدا ئاق ساغۇچ گەز ياكى كۆكۈش گەز بولىدۇ ، سۈيدۈكى ساغۇچ دۇغ ھالەتتە كېلىدۇ ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بىلىنىدۇ ، تومۇرى ئاستا، لەيلىمە، قاتتىق، چۆڭقۇر سالىدۇ. ئسسىققا يولۇقسا ئاغرىق كۇچەيگەندەك ھىس قىلىدۇ ، كۆپۈنچە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button