سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكى

بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈپ كېتىش كېسەللىك

1.     تونۇش :

بويۇن ئۇمۇرتقىسى بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى ،بوغۇم ئۆسۈكچىسى ئارلىق ئالدى ئارقا تىك تارامۇش،سېرىق تارامۇش ،بىس ئۈستى ئارلىق تارامۇش قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئاناتومىيەلىك ۋە فىزولوگىيەلىك ئىقتىدار جەھەتتىن كۆكرەك بەل ئۇمۇرتقىسىغا قارىغاندا ھەركەت دائىرسى ھەركەت مىقدارى جەھەتتىن بىرقەدەر كۆپ بولغان ئورۇن لىكىن بويۇن ئۇمۇرتقىسى تۈزۈلۈش جەھەتتىن بەل كۆكرەك ئۇمۇرتقىسىغا قارىغاندا ئاجىزراق بولغان ئورۇن بولۇپ مۇشۇنداق يۇقۇرى ھەركەت ئىقتىدارى ،مۇقۇملۇقنىڭ تۈۋەن بولۇشى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ھەمدە بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ماسلىشىشى ھەم تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلىيالماسلىق قاتارلىق ھەم ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىشقا ئوخشاش بويۇن ئۇمۇرتقىسىغا بېسىم چۈشۈرگۈچى ھەركەتلەرنى كۆپ ئېلىپ بېرىش قاتارلىق سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن ئىچكى تەرەپتىن غەيرى تەبى بەلغەم خىلتىنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقا ساھەسىگە ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىش ياكى غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۇپىيىشى بىلەن بويۇن ئۇمۇرتقىسىدا چىكىنىش يۇز بىرىش قاتارلىق ئىچكى تاشقى سەۋەپلەرنىڭ تەسىرقىلىشى نەتىجىسىدە بويۇن ئۇمۇرتقىسىدىكى مۇسكۇل توقۇلما ۋە ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ھەركىتىگە ماسلىشالماسلىق سەۋەبىدىن بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ھالقىلىق تالا يېرىلىپ يىلىك يادىروسى ئېقىپ چىقىۋىلىش سەۋەپلىك نىرىپ،قانتۇمۇر ،يۇلۇننى بېسىۋىلىش سەۋەپلىك كىلىنكىدا باش ئاغرىش ،باش قېيىش ،يۈرەك چالاڭغۇراش ،كۆزتورلىشىش،كۆز چىڭقىلىش ،يۇقارقى مۆچە سىزىمسىزلىنىش ،سىقىراپ ئاغرىش ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۈۋەنلەش ،ئۇيقۇسىزلىق ،بويۇن ئۇمۇرتقىسىنىڭ ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۇتۇنلۇك بۇزلۇش خارەكتىرلىك كىسەللىك .

2.    دىئاگىنۇز ئولچىمى :

1.3. دىئاگىنۇز قۇيۇش ۋە ئاساسى :

1)       بىمارنىڭ تىپىك بولغان كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا ھەم MRI,CT دا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش ئەھۋالى بولسا دىئاگىۇنۇز مۇقۇمداشقا بولىدۇ.

2)      MRI,CT دا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش ئەھۋالى بولۇپ لىكىن بىماردا كىسەللىك ئالامەتلىرى كۈرۈلمىگەن بولسا بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش دەپ دىئاگىنۇز مۇقۇمداشقا بولمايدۇ.

3)       بىمارنىڭ تىپىك بولغان كىسەللىك ئالامەتلىرى بولسا لىكىن MRI,CT دا تەكشۈرۈش نەتىجىسى نورمال بولسا باشقا كىسەللىكلەر چىقىرىپ تاشلىغاندىن كىيىن بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش دەپ دىئاگىنۇز مۇقۇمداشقا بولىدۇ.

2.3.        ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:

1)    كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :

25-50 ياشقىچە ۋە زەخمىلىنىش ، ھەم ئۇزۇن ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش تارىخى بارلاردا كۇپ كۈرۈلۈش بىلەن بىرگە قۇۋەتلەر تەڭپۇڭسىزلىغىدىن سوڭەككە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، يېشى، كەسپى، بەدەن ھالىتى، ياشاش مۇھىيتى، كىلمات ئامىللىرى، يىمەك- ئىچمەك ئادىتى، روھى- كەيپىياتى ، ئۇخلاش ، ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىش ھالىتىنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى، كەسپى ، ياشىغان موھىتى ، يىمەك – ئىچمەك ئادىتى ، زەخمىلىنىش تارىخى قاتارلىقلارقاتارلىق ئامىللار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ.

بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى غەيرى خادىمى ئەزاغا تەۋە بولۇپ، مىزاجى قورۇق- سوغۇق بولىدۇ. شۇڭلاشقا بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى يۈرۈشۈش كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارنىڭ مىزاجى كۆپىنچە ھۆل-سۇغۇق ياكى قۇرۇق-سۇغۇق بۇلىدۇ، مۇزاتەملىك بەلغەم خىلىتى ۋە تەمسىز بەلغەم خىلىتىدىكىلەردە بەدەندە سۇغۇقلۇق غالىپ كىلىدۇ، سەۋدا خىلىتىدىكلەردە قۇرۇقلۇق ۋە سۇغۇقلۇق غالىپ بۇلىدۇ، كېسەللىككە سەۋەب بولغۇچى غەيرىئى تەبىئى خىلىتلاردىن تەمسىز بەلغەم خىلىتى، ۋە مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى ئاساسى ئۇرۇندا تۇرىدۇ .

2)   تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:

بويۇن ئومرۇتقا ساھاسى ۋە ئىككى تاغاق ئوتترىسى تىلىپ ، ئغىرلىق بىلەن ئاغرىش ، قول سىقىراش ، باش كىينى ئاغرىش ، ئۇقۇسىزلىق ، كوپ چۇشكۇرۇش لىكىن ئۇنتۇپ قىلىش ، كەيپىياتى چىچىلاڭغۇ ، ئادەم خالىمايدىغان بولوپ قىلىش قاتارلىقلارغا ئاساسەن .

3)    قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :

MRI,CT ئاپىراتىدا تەكشۈرۇش نەتىجىسى بىلەن كىلنىك ئالامىتى بىرلەشتۇرلۇپ دىئاگىنۇز قويوشقا بولىدۇ .

4. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :

1) تەمسىز بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش

2) مۇزا تەملىك بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش

3) گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش

4) غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان بويۇن ئورۇتقا ئارلىق تەخسىسى يۇشۇرۇش

5. يۇرۇشكەن قىسىم باسقان ئۇرۇننىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئالتە تۈرگە بۈلىنىدۇ.

1)     بويون تىپلىق:

كوپ خىل بويون ئومورىتقا كىسەللىكىنىڭ ئالدىنقى ئىپادىسى بولوپ ، كوپ خىل سەۋەپتىن يىنىك دەرىجىدە سىرىتقى زەخمە ، بويون مۇسكۇللىرى چارچاش مەسلەن ، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق ، ياستۇقنى بەك ئىگىز قويوپ يىتىش ، ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش ، ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،كوپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىچىشىپ ياكى تىلىپ ئاغرىش ، بشنى ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش ، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش . بويون قىسمى قىتىش ،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش ، بەزىدە تاسمسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلنىدۇ ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويون ھەركىتى توسقونلوققا ئۇچرايدۇ. بويون مۇسكۇلى بېسلىپ ئاغرىيدۇ. ئوزى ئەينەككە قاراپ تەكشۇرگەندە كورونەرلىك ئىششىش ، قىزىرىش ئالامىتى كورولمەيدۇ. ئوزى تەكشۇرگەندە دائىم بىر تەرەپتە ئاغرىش ئورنىنى تاپالايدۇ .

2)    نېرىپ تىپلىق :

يۇرۇشكەن قىسىم  نېرىپنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن ،مورە ، غول ، ساھاسىدە ئاغرىش ، ئىچىشىش ، چىڭقىلىش ، سانجىلىپ ئاغرىش ، قىززىپ ئاغرىش ، بويون ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، يۇقۇرقى موچە كۇچسىز بولوش ، سىقىراش ، تۇتۇش كۇچى توۋەنلەش ، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

3)     يۇلۇن تىپلىق :

 يۇرۇشكەن قىسىم يۇلۇننى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقۇر توۋەن موچىلەر سىقىراش ، مۇسكۇل كۇچسىز بولوش ، راۋان ماڭالماسلىق ، ئاسان يىقىلىپ كىتىش ، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتتە قىيىنلىشىش ، قەۋزىيەت ، يۇقۇر – توۋەن موچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ.

4)    ئومورىتقا ئارتىريەسى تىپلىق.

يۇرۇشكەن قىسىم ئومورىتقا ئارتىريەسىنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش ، كوڭلى ئىلىشىش ، قۇسۇش ، قۇلاق غوڭولداش ، قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ. كوپىنچە ھالدا ، ۋاقىتلىق ياكى بويون بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويون شۇخىل ھالەتتىن ئوزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى كىلنىك ئالامىتى يوقولىدۇ.

5)     سىمپاتىك نىرۋا تىپلىق:

يۇرەك چالاڭغۇراش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، قان بېسىم يۇقۇرلاش ، كوپ تەرلەش ( دائىرلىك ،بىر ئوروندا يەنى باش ، بويون ، يۇقۇر-توۋەن موچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كورىلىدۇ)

6)ئارلاشما تىپلىق:

يۇقۇردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كىلنىك ئالامەتلەرنىڭ قوشولوپ كىلىشى ئارلاشما تىپلىق بويون ئومورىتقا كىسەللىكى دىيلىدۇ.

 يۇقۇرقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق ، بىرلا ۋاقىتتا كىسەللىكنىڭ غىدىقىلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كورولىشى بىر قەدەر كوپ ئۇچرايدۇ.

3.    داۋالاش :

2.11. داۋالاش پىرىنىسپى:

(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.

(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى – سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.

(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.

(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .

3.11. داۋالاش ئۇسۇلى :

1.3.11. داۋالاش تەرتىۋى:

 دەسلەپتە مۇنزىچ بىرىش بىلەن بىرگە ئاغىرىق پەسەيتىدىغان، توسالغۇلارنى ئىچىش رولى بولغان بىر قىسىم پىششىق دورىلارنى بىرگە بىرىش، سىرتتىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە بىر قىسىم فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئاندىن مۇسھىل بىرىش، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق ئازايتىلىدۇ، ئاخىرىدا مۇسھىلدىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قارتا دورلىق ۋە دۇرىسىز داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ، رەئىس ئەزالارنى، بۇرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسىتىدە شەربەت ۋە دۇرىلار بىرلىدۇ ، ئىچىدىن ئىچىدىغان دۇرىلارنىڭ تەرتىۋى چەكلەنمەيدۇ، مايلايدىغان دورىدىن بىر ياكى ئىككىسى تاللىنىپ باشتىن ئاياق ئىشلىتىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button