گەجسىمان بەلغەم خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىققان تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كىسىلىنى داۋالاش
1) دىئالىكتىك ئانالىز :
گەجسىمان بەلغەم خىلىتى بۇلسا تەبئى بەلغەم خىلىتىگە يۇقۇرى ھارارەتتىكى ئىسسقلىق تەسىرقىلىشى بىلەن بەلغەم خىلىتى قىيامى قۇيۇلۇپ ،سۇيۇق ،ئىقىشچان خۇسۇسىيىتى يۇقۇلۇپ چۇكمىگە چۇشۇشىنى كۇرسىتىدۇ،بۇخىل غەيرى تەبىئى بەلغىمى سەۋدا خىلىتى قىيامى قۇيۇق بۇلغاچقا ئاسان چۇكمىگە چۇشۇپ تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىپ تاپان بۇغۇم سۇڭەكنىڭ ماددا ئالمىشىشنى سۇسلاشتۇرىدۇ ، بۈ خىل قۇيۇق خىلىت ئۈزىنىڭ چۆكمىگە چۈشۈش تەسىرى بىلەن بۇغۇم بوشلۇقىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ يەرلىك ئوروننىڭ ئۇزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىنىشىنى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىرتىپ تاپان سۇڭىكىنىڭ بىنۇرمالسىز ئۇسۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارىلىدۇ
2) ئالامىتى :
تاپان بۇغۇم قىسمى قاتتىق ئاغرىش، ھەركىتى چەكلىمىگە ئۈچراش، كېسەللىك جەريانى جىددى، گەۋدىلىك بولۇش بىلەن بىرگە، بەلغەم خىلىتىغا ئۆتكۈر ھارارەت تەسىر قىلغانلىقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ يەرلىك ئۇرۇن ئېچىشىپ ئاغرىيدۇ ، بەدەن تېرىلىرى قولغا ئىسسىقراق بىلىنىدۇ، كۆز ئېقى ساغۇچ ئاق ياكى كۆكۈش ، تېلىدا ئاق ساغۇچ گەز ياكى كۆكۈش گەز بولىدۇ ، سۈيدۈكى ساغۇچ دۇغ ھالەتتە كېلىدۇ ، ئېغىز تەمى ئاچچىق بىلىنىدۇ ، تومۇرى ئاستا، لەيلىمە، قاتتىق، چۆڭقۇر سالىدۇ.ئسسىققا يولۇقسا ئاغرىق كۇچەيگەندەك ھىس قىلىدۇ ، كۆپۈنچە زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك ، غىدىقلىغۇچى يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشتىن ، سوغۇق ئوتۇپ كېتىشتىن قوزغۇلىدۇ .
بىماردا تاپان بوغۇم ئاغرىش، قېتىۋىلىش ،ھەركىتى چەكلىمىگە ئۇچراش، ھەركەتلەندۇرگەندە سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى ئاڭلىنىش ، غەيرىلىشىش كۇرۇلىدۇ .
3) داۋالاش ئۇسۇلى:
مۇنزىچ مۇھسىل بىلەن داۋالاش:
دەسلەپتە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 10-20 كۇن بىرىلىدۇ .
ماددا پىشقانلىق ئالامەتلىرى:تۇمۇر ھەركىتى ، تىل گىزى ، چۇڭ-كىچىك تەرىتى ، ئاغىرىش ، بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشىگە قاراپ گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ مۇسھىلى4-8 كۇن بىرىلىدۇ.
ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .
دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار
مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.
ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاش ، يۇرەكنى قوغداش ، كۇچەيتىش مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.
قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا ،قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن،قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر،قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ،ئەرقى بەدىيان ،ئەرقى شوخلا ،ئەرقى چوبىچىن،ھەببى ماتىدىل ھايات، قۇرسى كۇرسىنگى ،قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت ،ئەبرىشىم دانچىسى.
ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش جالىنۇس، پىننە گۇلقەنىتى ، قۇرسى جاۋرىش شەھرىيان، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى، نارپىننە ئىچىملىكى ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى .
ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .
ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە:مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل مورەككەپ شەربىتى تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .
قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .
قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى ،قۇرسى داۋائىل مىشكى،ئۇستىخۇدۇس ئىچىملىكى ،ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس،شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى،سۇنبۇل شەربىتى،بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ،قۇرسى نۇجاھ .
يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .
مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى ماتىدىل ھايات كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
مەجۇنى لوبوبى كەبىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 15-10 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .
4) پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا قاتارلىقلاردىن، زىيادە سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلە غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ. ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلى