تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
1. تونۇش :
تاپان سۇڭەك ئۇسۇش كېسىلى، كېسەللىك سەۋەبى ئوخشاش بولمىغان لېكىن كېلىنكىلىك ئالامەتلىرى ئوخشىشىپ كېتىدىغان، تاپان بۇغۇم سۇڭەك تىنى ۋە قىرلىرىدىكى سۆڭەك كۆمۇرچىگى بۇزۇلۇپ، سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈپ، كىلىنكىدا تاپان بۇغۇم ساھەسى ئاغىرىش، تاپان بۇغۇم ھەركىتى تۇسقۇنلۇققا ئۇچىراش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزلۇش خارەكتىرلىك سوزۇلما كېسەللىكدۇر، ئۇيغۇر تېبابىتى كېسەللىك سەۋەبىگە قارتا غەيرى تەبئى بەلغەم خىلىتىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت تاپان بۇغۇم ساھەسىگە تەسىر قىلىشى ياكى غەيرى تەبئى سەۋدا خىلىتىنىڭ كۇپىيىشى بىلەن تاپان بۇغۇم سۆڭىكىدە چىكىنىش يۇز بىرىش بىلەن بۇخىل كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارايدۇ .
تاپان بۇغۇم سۆڭەك ئۇسۇش كېسەللىكىنى ئۇيغۇر تېبابەت قەدىمى كىتاپلىرىدا «مۇپاسىل» دىگەندەك ئاتالغۇلار بىلەن ئاتاپ كەلگەن .
بۇخىل كېسەللىك ئۇتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ .ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا كۆپ ئۈچرايدۇ، بۇلۇپمۇ دائىم مىڭىپ خىزمەت قىلىدىغان ، ئىغىر ئەمگەك قىلغۇچىلار، سۇغۇق تەبىئەتلىك يىمەك- ئىچمەكلەرنى كۆپ ۋە ئۇزۇن مەزگىل ئىستىمال قىلغۇچىلار، ھۇرۇن، كۆپ ھەركەت قىلمايدىغان كىشلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ .
2. ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1) كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن :
بۇ كېسەل ئۇتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا قۇۋەتلەر تەڭپۇڭسىزلىغىدىن سۆڭەككە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، يېشى، جىنسى، كەسپى، بەدەن ھالىتى، ياشاش مۇھىيتى، كىلمات ئامىللىرى، يىمەك- ئىچمەك ئادىتى، ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى، ئۇيقۇ- ئويغاقلىقى، روھى- كەيپىياتى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك .
2) تىپىك كىلنىك ئالامىتىگە ئاساسەن:
كېسەللىكنىڭ تەرەققىياتى ئاستا، خىلىت (مىزاج )غا مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەردىن سىرت، ئومۇمى بەدەنلىك ئالامەتلىرى ئاز بولۇپ كېسەللىك ئالامىتى ئاساسەن كېسەللەنگەن تاپان بۇغۇمدا تىپىكرەك كۆرۈلىدۇ، يەنى بىماردا تاپان بۇغۇم ساھەسى تىلىپ ئاغىرىش، ئارام ئالغاندا ياخشىلىنىش، ئغىر ھەركەت ۋە ئۇزاق ماڭغان ۋە ئىگىز جايلاردىن چىقىپ -چۇشكەندە ئاغىرىش كۇچۇيۇش، ھەركەت دائىرسى چەكلىمىگە ئۇچىراش كۆرۈلىدۇ .
3) قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن :
MRI,CT ئاپىراتىدا تەكشۈرگەندە كېسەللەنگەن تاپان بۇغۇم ئارىلىقى تەرتىپسىز تارىيىش، كۆمۈرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش، بۇغۇم ئەتراپىدىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈش ۋە سۆڭەك قىرى شەكىللىنىش كۆرىلىدۇ، رىنتىگىندا تەكشۇرگەندە : تاپان بۇغۇم سۆڭەك كۆمۈرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش، بۇغۇم ئەتراپىدىكى سۆڭەك ماددىسى ئۆسۈش ۋە سۆڭەك قىرى شەكىللىنىدۇ .
3. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1) تەمسىز بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
2) موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
3) گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
4) غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان تاپان سوڭەك ئوسوش
4. داۋالاش پىرىنسىپى :
(1) مىزاجنى تەڭشەش ، كىسەللىك ماددىسىنى پۇشۇرۇش- تەنقىيە قىلىش مەقسىتىدە مۇنزىچ- مۇسھىلى بىرىلىدۇ.
(2) بۇغۇمدىكى ياللۇغنى قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشنى ياخشىلاش، ئاغىرىق پەسەيتىش مەقسىتىدە ئىچى – سىرتىدىن دورا بىرىلىش بىلەن بىرگە ئاشقازان خىزمىتىنىڭ بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(3) سىرتىدىن ماس كىلىدىغان فىزىكىلىق داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
(4) قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش، بەدەننى قىززىتىش، رەئىس ئەزانى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە دورا بىرىلىدۇ.
(5) كۇندىلىك كىسەللىك ئوزگىرشىگە قارتا چارە قىلىنىدۇ .
3.9. داۋالاش ئۇسۇلى :
1.3.9. داۋالاش تەرتىۋى:
دەسلەپتە مۇنزىچ بىرىش بىلەن بىرگە ئاغىرىق پەسەيتىدىغان، توسالغۇلارنى ئىچىش رولى بولغان بىر قىسىم پىششىق دورىلارنى بىرگە بىرىش، سىرتتىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدىكى ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە بىر قىسىم فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ، ئاندىن مۇسھىل بىرىش، شۇنداقلا بىر قىسىم ئۆزگىچە داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى مۇۋاپىق ئازايتىلىدۇ، ئاخىرىدا مۇسھىلدىن كىيىن كېسەللىك ئەھۋالىغا قارتا دورلىق ۋە دۇرىسىز داۋالاش ئىلىپ بىرىلىدۇ، رەئىس ئەزالارنى، بۇرەكنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەخسىتىدە شەربەت ۋە دۇرىلار بىرلىدۇ ، ئىچىدىن ئىچىدىغان دۇرىلارنىڭ تەرتىۋى چەكلەنمەيدۇ، مايلايدىغان دورىدىن بىر ياكى ئىككىسى تاللىنىپ باشتىن ئاياق ئىشلىتىلىدۇ.