يانپاش بوغوم ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇلى
1. تونۇش :
يانپاش بوغوم ياللۇغى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرۈشى، يانپاش بۇغۇمىنىڭ ئۇرۇلۇش، سۇقۇلۇش، بېسىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن يانپاش قىسىم ئاغىرىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كىسەللىك.
كىسەللىك سەۋەبىگە قارتا ئۇيغۇر تىبابىتى خىلىتىلارنىڭ غەيرى تەبىي ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋداۋە سەپرا خىلىتىنىڭ يەككە ياكى مورەككەپ ئوزگىرىشى تەسىرىدىن بۇ كىسەللىكىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ دەپ قارايدۇ .
بۇ خىل كىسەللىك ئاساسەن ياشانغانلاردا، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، مىزاج جەھەتتىن ھۆل–سۇغۇق مىزاجدىكى كىشىلەردە، ئاساسەن نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان ، ئىغىر جىسمانى ھەركەتلەرنى كوپ قىلغان ، سىل كىسەللىك تارىخى بار كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.
2. ئۇيغۇرتىبابەت دىئاگىنوز ئاساسى:
1) كىسەللىك تارىخىغا ئاساسەن : نەم، سۇغۇق مۇھىيىتتا كۆپ تۇرغان، ياشىغان ، زەخمىلىنىش تارىخى بار ، ھول – سوغوق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرگە ئامراق ھەمدە يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە تەرتىپسىز غىزالىنىش ئادىتى بار ۋە تۇغما ئىممۇنىت كۇچى توۋەن ياكى ئومومى بەدەن خىزمىتى ياخشى بولمىغان ، ئىغىر جىسمانى ھەركەتلەرنى كوپ قىلغان ، سىل كىسەللىك تارىخى بار كىشىلەردە كۆپ يۈز بىرىدۇ.
2) تىپىك كىسەللىك ئالامىتىگە ئاساسەن: كىسەللەنگەن يانپاش بوغوم ئاغرىش، قىززىش، ھەركىتى قىيىنلىشىش ، ھەركەت چەكلىمىگە ئۇچراش بولىدۇ ، ئومومى بەدەن ئالامىتى ئادەتتە كورونەرلىك بولمايدۇ ، قوزغاتقۇچى ئامىللار يەنىي ، يەللىك غىزالار ، سوغوق ئوتكوزۋىلىش ، كۇچەپ ھەركەت قىلىش ، زۇكامداش ۋە باشقا قوزغاتقۇسى ئامىللار تەسىر قىلغاندا تىپىك كىلنىك ئالامەتلىرى كورونەرلىك ئىغىرلاشقاندىن سىرىت ئومومى بەدەن ئالامەتلرىىدىن قىززىش ، يۇرەك ھەركىتى تىزلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، ھاسىراش ، ئىشتىھاسى ئازىيىش ، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ قوشولوپ كىلىدۇ .
3) قۇشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن : WBC , C-RP, ASO ESR , دا كورونەرلىك ياكى يەڭگىل دەرىجىدە ئوزگىرىش بولوش ۋە ياكى بولماسلىق ئەھۋالىغا ھەمدە سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرش رەسىم ئىپادىسىدىن بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، بوغومغا سۇيۇقلۇق يىغىلىش ياكى نورمال بولوش ئەھۋالىغا ئاساسەن دىئاگىنۇز قويولىدۇ .
3. كىلىنكىلىق دەرىجىگە ئايرىش
1 – دەرىجە : يانپاش بوغوم يەڭگىل دەرىجىدە ئاغرىش ، ASO ، WBC, C-RP , ESR سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .
2 – دەرىجە : يانپاش بوغوم ئاغرىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىق WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن سەل يۇقۇرلاش ياكى نورمال بولوش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نورمال چىقىش .
3 – دەرىجە : چوڭ بوغوملار ئاغرىش ، ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى يەڭگىل توسقۇنلۇققا ئۇچراش ، WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە بوغوم ئارلىقى تارىيىش ، قىر شەكىللىنىش .
4 – دەرىجە : چوڭ بوغوملار ئېغىر دەرىجىدە ئاغرىش ، ھەركەتلەندۇرگەندە كۆرىنەرلىك سۇڭەك سۇركىلىش ئاۋازى(سېزىمى) بولۇش، غەيرىلىك شەكىللىنىش،. ئىششىش ، قىززىش ، ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچراش WBC, C-RP , ESR نورمال قىممەتتىن يۇقۇرلاش ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇشتە ئېغىر دەرىجىدىكى سۇڭەك ئۈسۈكچىسى پەيدا بولۇش، بوغۇم ئارلىقى تارىيىش تېخىمۇ ئېىنىق بولۇش، كۆمۇرچەك ئاستىدىكى سۆڭەك قاتتىقلىشىش ئىنتايىن روشەن بولۇش .
4. خاراكتىرىگە ئاساسەن دەرىجىگە ئايرىش
كىسەللىك خاراكتىرىگە ئاساسەن ئوتكور ۋە سوزولما دەپ ئىككىگە بولىنىدۇ .
ئوتكۇر يانپاش بوغۈم ياللۇغى : غەيرى تەبىي قان ۋە سەپرا خىلىتى تەسىردىن كىلىپ چىقىدۇ.
سوزولما يانپاش بوغۈم ياللۇغى : غەيرى تەبىي بەلغەم ، سەۋدا خىلىتى تەسردىن كىلىپ چىقىدۇ .
5. دىئالىكتىك تىپقا ئايرىش :
1) قان خىلىتىنىڭ ئوفىنەتلىنىشى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
2) موزا تەملىك خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
3) گەجسىمان بەلغەم خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
4) غەيرى تەبىئى سەۋدا خېلىتىنىڭ تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
5) زەخمىلىنىش تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
6) سىل جاراسىمى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان يانپاش بۇغۇم ياللۇغى .
6. داۋالاش پىرىنسىپى .