سەھىپە ئايرىلمىغانسۆڭەك كېسەللىكلىرى

كۆيگەن سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كىلىپ چىققان نۇقرەس

1)    دىئالىكتىك ئانالىزى

ئەسلى مىزاجى سەپىرا بولغان كىشىلەر ئۇزۇن مۇددەت ئوتكور ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەك – ئىچمەكلەرنى زىيادە كوپ ئسىتىمال قىلىش ، ئاپتاپتا قىلىش ، ئىسسىق ئوتكوزۋىلىش قاتارلىقلار تەسىرىدىن بۇخىل غەيرى تەبىي خىلىت پەيدا بولوشقا سەۋەپ بولىدۇ .

 كۆيگەن سەپىرا خىلىتى سەپىراخىلىتىنىڭ يۇقىرى ھارارەت تەسىرىگە ئۇچىرىشى تەسىرىدىن قىيامى قۇيۇلۇپ، ئۆتكۇرلىشىشتىن شەكىللەنگەن نورمالسىز سەپرا خىلىتى بولۇپ، تەبىئىتى قۇرۇق سۇغۇق، بۇ خىل سەپرا خىلىتى كۈچلۈك دەرىجىدە ئۇفىنەتلەندۈرۈش، چىرىتىش ۋە زەخمىلەندۇرۇپ نابۇت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە،بۇ كۆيگەن سەپىراخىلىتى ئۈزىنىڭ زىيادە غىدىقلاش، چىرىتىش تەسىرى بىلەن قان ئايلىنىش ئارقىلىق كىچىك بوغوملارغا تەسىر قىلىپ كىچىك بۇغۇملارنىڭ بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە توقولمىلارنى غىدىقلاپ، ياللۇغ پەيدا قىلىپ، چىرىتىپ نەتىجىدە يەرلىك ئوروندا بۇخىل كىسەللىك ئۆزگۈرىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

 2)   ئالامىتى:

 تومۇرى ئىنچىكە، ئاستا، ئاجىز سالىدۇ. كوز ئىقى دەسلەپتە ساغۇچ كىيىنچە كۈكۈچ بۇلىدۇ، تىل ئۈستىدە دەسلەپكى سارغۇچ گەز بۇلۇپ، كىيىنچە كۈكۈچ گەزگە ئۆگىرىدۇ، تىرىسى قولغا ئىسسق بىلىنىدۇ، كىچىك تەرىتى سېرىققا مائىل بۇلۇپ، قىززىق ياكى نورمال بىلىنىدۇ، كىچىك بۇغۇملار بەزىدە قىززىپ، ئېچىشىپ، كۈيۈشۈپ  بەزىدە تىلىپ ، چىڭقىلىپ ئاغىرىيدۇ، ئىششىيدۇ، باسقاندا جىسمى قاتتىق بىلىنىدۇ، شەكلى ئۆزگىرەيدۇ، ئاخىرىقى مەزگىلگە كەلگەندە بۇغۇم ئەتراپى نىكروزلىنىپ قارىدايدۇ، تۇتقاندا سىزىمى ئاجىزلايدۇ. بۇغۇم ھەركەت ئىقتىدارى يۇقۇلىدۇ.

3)    داۋالاش ئۇسۇلى :

مۇنزىچ مۇسھىل بىلەن داۋالاش :

دەسلەپتە كويگەن سەپرا يەنىي خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچى 15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

ماددا پىشقانلىق ئالامىتى: تۇمۇر ھەركىتى ،تىل گىزى ،چۇڭ-كىچىك تەرىتى ،ئاغىرىش ،بەدەن ئەھۋالىدىكى ئۇزگۇرۇشگە قاراپ كويگەن سەپرا يەنىي خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىلى 4-8 كۇن بىرىلىدۇ .

ياكى مەخسۇس مەتبۇخى سۆرۈنجان سەۋدائى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

بالنىستقا كىرگەندىن باشلاپ بىمارنىڭ ئەمىلى كىسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن توۋەندىكى سىرتىدىن ئىلىپ بىرىلدىغان دورىلىق ۋە دورىسىز داۋالاش تاللاپ ئىلىپ بىرىلىدۇ .

دورىدا ئۇۋلاش ، دورىلىق لوڭگە قويۇش ، زىماد تىڭىش ، كىلىزما ، ئەمەن پىلىكىدە داغلاش ، مايلاش ،  ئۇۋلاش ، يىڭنە سانچىش ، ئىسسىق ئوتكوزوش ، قۇمغا كومۇش ، پاشۇيە ، قۇرۇق ھورداققا سىلىش ، سوزوش ، دوراچاپلاپ داۋالاش ، لوڭقا قويوش ، ئوتتىرا دولقۇندا داۋالاش ، مىكرو دولقۇندا داۋلاش ، توۋەن دولقۇندا داۋالاش ، پاشۇيە قاتارلىقلار

مۇنزىچ مۇسھىلنىڭ ئۇنۇمىنى تىخىمۇ يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە :  مەخسۇس قاننى جانلاندۇرۇش ، ھەزىم ياخشىلاش چايلىقى تەڭشەپ بىرىلىدۇ.

قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، سوغوق يەللەرنى بۇزۇق ماددىلارنى تارقىتىش ، ئاغرىق پەسەيتىش مەخسەتتە : مەخسۇس زىمادى سورونجان ، زىمادى ئەقىر قەرھا ۋە مەخسۇس سۇپۇپى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

بوغومنىڭ قىتىشىش ، ھەركەت توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋالىنى ياخشىلاش مەخسەتتە مەخسۇس مۇرەككەپ قىيرۇتى تەييارلاپ كۇندە 1-2 قىتىم 15-25 كۇن يەرلىك مايلاپ ئىسسىق ئوتكوزلىدۇ .

سۇيدۇك ھەيدەش ، ياللۇغ قايتۇرۇش ، ئىششىق ياندۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيىتىش ، يۇرەكنى قوغداش ۋە  كۇچەيىتىش مەخسەتتە: توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

 ئەرقى كاسىنە، ئەرقى چۆبىچىن،ئەرقى بەدىيان، ئەرقى سەندەل ، ئەرقى شوخلا ،ئۆشبە شەربىتى، قۇرسى ئۆشبە، قۇرسى ئىتتىرفل چوبىچىن ، قۇسى بىنەپشە ، مۇنزىچ دانچىسى، كاشكاپ دانچىسى ،قۇرسى خىمىرى مەرۋايىت، ئەبرىشىم دانچىسى.

 ئاغرىق پەسەيتىش، غەيرى تەبىئى يەللەرنى ھەيدەش، كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كۇنتىرۇل قىلىش ۋە ياخشىلاشنى مەقسەتتە توۋەندىكى دورىلار بىمار بالنىستقا قوبول قىلغاندىن باشلاپ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ20-35 كۇنگىچە تاللاپ بېرىلىدۇ.

  قۇرسى سۆرۈنجان ، قۇرسى يەھيا ، قۇرسى ئىتتىرفىل چوبىچىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل كەبىر ، قۇرسى ئىتتىرفىل سەغىر ، ھەببى لوبوبى كەبىر ، قۇرسى كۇرسىنگى ، قۇرسى مەنتىن ، قۇرسى ئىتتىرفىل ئەفتىيمۇن.

 ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش، قۇغداش مەخسىتىدە : تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-25 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى جاۋارىش ئەنبەر ، قۇرسى نانخۇۋائى مىشكى، قۇرسى جاۋرىش كۇمۇنى ، قۇرسى جاۋرىش ئامىلە  ، قۇرسى ئامىلە نۇشدارى ، نارپىننە ئىچىملىكى.

 ياكى مەخسۇس نارپىننە ۋە ئامىلە نۇشدارى لولوۋى تاللاپ تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

 مىڭىگە ھوللوك يەتكۇزۇپ ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش مەخسەتتە : ئۇيقۇ تالقىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

رەئىس ئەزا ۋە ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، قان ئايلىنىشنى كۇچەيتىپ ، ماددا ئالمىشىشىنى ياخشىلاش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسىتىدە: مائۇل ئۇسۇل ساددە ۋە مائۇل ئۇسۇل مۇرەككەپ شەربىتى تەرتىپ بويچە بىرىلىدۇ ياكى تاللاپ بىرىلىدۇ .

ئومومى بەدەننى قۇۋەتلەش ، ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش مەخسەتتە: مائۇل ھەسەل ساددە ۋە مائۇل ھەسەل ساددە مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ ياكى تەرتىپ بويچە تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ تۇسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ۋە خىزمىتىنى ياخشىلاش، نىرۋىلارنى ياخشىلاش ۋە قۇۋەتلەش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى دورىلار بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللاپ15-20 كۇن بىرىلىدۇ .

 قۇرسى خىمىر گاۋزىبان ئەنبىرى، قۇرسى داۋائىل مىشكى، قۇرسى ئىتتىرفىل ئۇستىخۇددۇس، ئۇستىخۇددۇس ئىچىملىكى، شىپاھى قەلىپ ئىچىملىكى، بادىرەنجى بۇيا شەربىتى ، قۇرسى نۇجاھ .

 يۇقارقى دورىلارنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە بىمارنىڭ ئەمىلىي كىسەللىك ئەھۋالىغان ئاساسەن ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش ۋە سوڭەك ئوسوشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ، ئومومى بەدەن ۋە رەئىس ئەزالارنى قۇۋەتلەش ئۇچۇن توۋەندىكى دورىلار تاللاپ مەخسۇس تەييارلاپ بىرىلدۇ .

مەجۇنى چوبىچىن كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى سازەچ كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى سورۇنجان كۇندە 2 قىتىم ھەرقىتىدا 5-10 گىرام تاماقتىن كىيىن ئىستىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى داۋائىل مىشكى مۇتىدىل كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن بۇرۇن 10-5 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى سەغىر كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

مەجۇنى لوبوبى كەبىر  كۇندە 2-3 قىتىم ، تاماقتىن كىيىن 10-15 گىرامغىچە ئسىتىمال قىلىنىدۇ .

4)   پەرھىز ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

زىيادە ئىسسىق تەبىئەتلىك يىمەكلىكنى كۆپ يىيىشتىن، غەلىز يىمەكلىكلەردىن يەنى كالا گۈشى، تۇنۇر كاۋىپى، مانتا، خوشاڭ، گۆشگىردە، سامسا، ھەرخىل قورۇمىلار قاتارلىقلاردىن، سۇغۇق ئىچىملىك، غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەر لازا- ئاچچىقسۇ ، ياڭيودىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.

 ئاسان سىڭىدىغان، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەر باچكا گۈشى، سۇدا پۇشۇرۇلغان پاقلان گۈشى، نارىن چۆپ، سەي- كۆكتات قاتارلىقلار شۇنداقلا مۇئاپىق مىقداردا مىۋە – چىۋە بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.

زىيادە ئىسسىق ياكى سوغوق مۇھىيتتا ئۇزۇن تۇرۇشتىن، خىزمەت قىلىشىتن،  ھېرىپ- چارچاشىتىن، ئېغىرجىسمانى ئەمگەك قىلىشىتىن قەتئى ساقلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button