راست ۋە يالغان يۈرەك سانجىقىنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلى
كلىنىكىدا دائىم، نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقان كىشىلەرنىڭ تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقا قىسمى ياكى يۈرەك ئالدىنقى رايونىنىڭ ئاغرىشى تۈپەيلىدىن، ئۆزىنى يۈرەك سانجىقىغا گىرىپتار بولۇپ قالدىم دەپ ئەنسىرەپ، بىئارام بولىدىغانلىقىنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، كۆپ ساندىكى كۆكرەك ئاغرىقى ئورگانىزىم خاراكتېرلىك يۈرەك كېسەللىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆكرەك ئاغرىغاندا يۈرەك سانجىقى سەۋەبىدىن ياكى باشقا سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان ئاغرىق ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ئىتايىن مۇھىم.
ھەقىقىي يۈرەك سانجىقى بار بىمارلارنىڭ تۆش سۆڭىكىنىڭ ئارقا قىسمى ياكى يۈرەك ئالدىنقى رايونى يېقىمسىز ئاغرىيدۇ.
ئاغرىق كۆپىنچە ھېرىپ-چارچىغاندا ۋە روھىي كەيپىياتىدا نورمالسىزلىق بولغاندا تېز قوزغىلىدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن ئاغرىق پەسىيىدۇ. ئاغرىق ئادەتتە تويۇقسىز قوزغىلىپ 3-5 مىنۇتقىچە داۋاملىشىدۇ. نىتروگلىتسېرىننى تىلنىڭ ئاستىغا سېلىپ شۈمىگەندىن كېيىن 3-1 مىنۇت ئىچىدىلا قويۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك سانجىقى تۇتقاندا ئېلېكتروكاردىئوگرامما ئارقىلىق تەكشۈرتسە يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيىسىگە قان يېتىشمەسلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ.
يالغان يۈرەك سانجىقى دېگىنىمىز، يۈرەك بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئامىللاردىن پەيدا بولغان، يۈرەك سانجىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆكرەك ئاغرىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى ياكى ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىدا زىيادە توسالغۇ پەيدا بولغاندا، قىزىلئۆڭگۈلچەكنىڭ قىمىلداش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك سانجىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆكرەك ئاغرىقى پەيدا بولىدۇ. بىراق بۇ خىل كۆكرەك ئاغرىقى يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نەرسىلەرنى يۇتقاندا تۆش سۆڭەكنىڭ ئارقا قىسمى كۆيۈپ ئاغرىيدۇ. بۇ، ئاشقازاننىڭ كىسلاتالىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن كىسلاتاغا قارشى دورىلارنى ئىستېمال قىلسا ئاغرىق پەسىيىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكى (بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈپ قېلىشى) دىمۇ خۇددى يۈرەك سانجىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆكرەك ئاغىقى پەيدا بولىدۇ، لېكىن بۇ كېسەللىكتە، كۆكرەكنىڭ ئاغرىشى ئاستا قوزغىلىدۇ، ھەمدە داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. نىتروگلىتسىرىننى شۈمسىمۇ قويۇپ بەرمەيدۇ. بويۇننى رېنتگېندە رەسىمگە ئېلىپ تەكشۈرسە كېسەللىك ئايدىڭلىشىدۇ. قوۋۇرغا كۆمۈرچەك سۆڭەك ياللۇغى، كۆكرەك مۇسكۇل ياللۇغىدىمۇ كۆكرەك ئاغرىيدۇ، ئالدىنقىسىنىڭ ئالامەتلىرى بىر تال ياكى بىر نەچچە تال قوۋۇرغىنىڭ كۆمۈرچەك سۆڭەك بوغۇملىرى ئىششىيدۇ، يەرلىك ئورۇننى تۇتسا ئاغرىيدۇ. بۇ خىل كېسەللىك بولۇپمۇ 7-قوۋۇرغا كۆمۈرچەك سۆڭىكىدە كۆپرەك بولىدۇ. بۇ، ھەقىقىي يۈرەك سانجىقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆت تېشى كېسەللىكىمۇ خۇددىي يۈرەك سانجىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كۆكرەك ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ، لېكىن بۇ كېسەللىكتە ئاغرىق مايلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلغان ۋاقىتتا قوزغىلىدۇ. بۇنىڭ كېسەللىك ئالامەتى روشەن، داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزۇنراق بولىدۇ. B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتىدا تەكشۈرتسە ئۆت خالتىسىدا تاش بارلىقى ئېنىقلىنىدۇ. بۇ، مېدىتسىنادا ئۆت-يۈرەك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە، ئاۋۋال دوختۇرغا كۆرلۈپ، كونكرېت ئەھۋالغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، كۆكرەكنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئاغرىغانلىقى ھەقىقىي ئېنىقلانغاندىن كېيىن، ئاندىن داۋالاش ئېلىپ بېرىش لازىم.