يۇقىرى خولېستېرىن دېگەن نېمە؟
يۇقىرى خولېستېرىن-ھۈجەيرىنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئۇ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ سىڭىش كۈچىنى توسىدۇ. بۇ خىل كۈچ سۇنى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ سىرتىغا يەتكۈزىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، قويۇلغان قان سۇيۇقلۇقى يېتەرلىك مىقداردىكى سۇنى قويۇپ بېرەلمەيدۇ-دە، سۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىگە سىڭىپ كىرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرە نورمال خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ. خولېستېرىنبولسا بىر خىل تەبىئىي ‹‹چامما›› بولۇپ، ئۇلار ھۈجەيرە پەردىسى ئوتتۇرىسىدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سۇ ھۈجەيرە تاملىرىدىن ئۆتۈشكە ئامالسىز قالىدۇ. كۆپ مىقداردىكى خولېستېرىننىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىگە چۆكۈشى بولسا بىر تەبىئىي جەريان. مەقسەت جانلىق ھۈجەيرىلەرنى سۇسىزلىنىش تەھدىتىدىن قوغداش، ھۈجەيرە يادروسىغا ئىگە بولغان جانلىق ھۈجەيرە، خولېستېرىن سۇ ئۆتكۈزۈشچانلىقنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ھۈجەيرە يادروسى بولمىغان ھۈجەيرە، ياغ كىسلاتاسى ھۈجەيرە پەردىسى ئاندىن سۇسىزلىنىش ھەم قۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. ھۈجەيرە پەردىسىدە خولېستتېرىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى بولسا ھۈجەيرە ھاياتلىق سىستېمىسىنىڭ بىر تەشكىلىي قىسمى. خولېستېرىن كەم ياكى يوق بولسا بولمايدىغان ماددا. خولېستېرىننىڭ ئادەم تېنىدە بەك كۆپ بولۇشى تەندىكى سۇنىڭ بەك كەملىكىنى كۆرسىتىدۇ.
نورمال ئەھۋال ئاستىدا، سۇنىڭ يېپىشتۇرۇش رولى بولغاچقا ناھايىتى تېزلا كاربونات بىرىكمىسى بىلەن قىسقا ۋاقىتلىق بىرىكىپ، بىرىكمە ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ھۈجەيرە پەردىسى سۇنى سىقىپ چىقارسا، سۇنىڭ يېپىشتۇرۇش رولى يوقايدۇ. سۇ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ قاتتىق ھالەتتىكى تۈزۈلۈشى بىلەن بىرىكىۋالىدۇ. ھەمدە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ يوچۇقلىرىدىن ھۈجەيرە ئىچىگە كىرىدۇ.
11-رەسىم بولسا، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرما رەسىم بولۇپ، بىرخىلى بولسا، سۇ يېتەرلىك بولغان ھالەتتىكى ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ قوش قەۋەتلىك تۈزۈلۈشى، يەنە بىرخىلى بولسا، ئېغىر دەرىجىدە سۇنى يوقاتقان ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ قوش قەۋەتلىك تۈزۈلۈشى، مەن ئىلگىرى بىر خەلقئارالىق راك كېسىلىنى تەتقىق قىلىش يىغىنىدا بۇ بىر ئۇقۇمنى سۆزلەپ ئۆتكەن. مەن ئاللىبۇرۇنلا بۇ ئۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىق ماقالىلىرىنى يىغىنچاقلاپ باسمىدىن چىقىرىپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىشىنى تەمىنلىدىم. بۇ خىل ھادىسىنىڭ بىزنىڭ ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزغا قانداق تەسىرى بار؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي. مەسىلەن، سىز تاماق ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرغاندا تاماق ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. تاماق يېيىشتىن بۇرۇنسۇ ئىچمىگەن بولسىڭىز، يېمەكلىكلەر ھەزىم بولۇش جەريانىدا ھۈجەيرىلەردىن سۇ تەلەپ قىلىدۇ. ئاشقازاندا سۇ بولۇشى شەرت. سۇ يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىن ئاقسىلنى ھەرخىل ئامىنو كىسلاتاسىغا پارچىلايدۇ. ئۈچەي بولسا تېخىمۇ كۆپ سۇغا موھتاج بولىدۇ، شۇندىلا يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىنى ئىلگىرلەپ پارچىلاپ، جىگەرگە يوللاپ بېرەلەيدۇ.
جىگەردە بولسا، ئۈچەي يوللىرىدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ماتېرىياللارنى قايتا ئىشلەيدىغان مەخسۇس ھۈجەيرىلەر بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تەركىبلەرنى يۈرەكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. جىگەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىك تەركىبىنى بىر تەرەپ قىلىشتا زور مىقداردىكى سۇغا ئېھتىياج بولىدۇ.
لىمفا سىستېمىسى ‹‹ياغ›› تەركىبىنى يۈرەكنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى لىمفا سىستېمىسى ئەۋەتىپ بەرگەن ‹‹ياغ›› نى قوبۇل قىلىدۇ. ھەرىكەتتىكى يۈرەك خۇددى فونتانغا ئوخشاش ئۇلارنى ئۆپكىگە ئەۋەتىپ ئوكسېگىننى سۈمۈرتكۈزىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى ئىچىدىكى باشقا گازلارنى ئالماشتۇرۇپ ئېرىتىدۇ. ئۆپكىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى-‹‹قىشتىكى ھور›› غا ئوخشايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوكسىدلانغان قان سۇيۇقلۇقى تېخىمۇ سۇسىزلىنىدۇ.