سەھىپە ئايرىلمىغانيۈرەك-قان تومۇر
تۇغما يۈرەك كېسىلى
تۇغما يۈرەك كېسىلى ھامىلە ۋاقتىدا يۈرەك چوڭ قان تومۇرلىرىنىڭ يېتىلىشى غەيرىي بولۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكتۇر. بۇ نورمال تۇغۇلغان بالىلارنىڭ %0.8 تىنى تەشكىل قىلىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلى ئادەتتە غەيرىيلىك مۇرەككەپ بولغانسېرى كېسەللىك ئەھۋالىمۇ شۇنچە ئېغىر، ئۆلۈشى شۇنچە كۆپ ھەم شۇنچە بۇرۇن بولىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلى كلىنىكىدا قان تومۇر تارماق ئېقىمىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن كۆكىرىش بولمىغان تىپى ۋە كۆكىرىش بولغان تىپى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.