سەھىپە ئايرىلمىغانيۈرەك-قان تومۇر

ئۆتكۈر يۇقۇملىنىش مەنبەلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى

كېسەللىك سەۋەبى
ئاساسلىق كېسەللىك قوزغاش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيىسى، ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيىسى، مېڭە پەردە ياللۇغى شارچە باكتېرىيسى، يىرىڭلىق زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىسى، يۇقۇملۇق زۇكام تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۆزگىرىشچان تاياقچە باكتېرىيە ۋە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلار دائىم باشقا ئورۇندىكى ياللۇغلىنىشنى ياكى پۈتۈن بەدەنلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەخمىنەن%50 تىن كۆپرەكىدە نورمال بولغان يۈرەك كلاپانى پەردىسى ۋە پەي تاناپچىسىدا يارا پەيدا بولۇپ تېشىلىدۇ، پەي تاناپچىسى ئۈزۈلىدۇ ۋە چوڭ ھەم چۈرۈك سۆگەلسىمان مادىنى پەيدا قىلىدۇ، سۆگەلسىمان ماددا يېرىلىپ تۆكۈلۈپ، قان نۆكچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئاخىرىدا ئىمبولىيە ۋە يىرىڭلىق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button