بۆرەك كېسەللىكلىرىسەھىپە ئايرىلمىغان

بۆرەكنى تازلايدىغان پايدىلىق يىمەكلىكلەر

ئەگەر بۆرەكتىن چاتاق چىقسا ، سۈيدۈك چىقىرىشمۇ تەسكە توختايدۇ، يەنە قاپاق ، پۇتلا ر ئىشىپ قېلىشتەك ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدۇ، ئەڭ ياخشىسى بورەككە زىيانلىك يىمەكلىكنى يىمەي ،تاماقتىن پەرھىز قىلغان ياخشى.

قىزىلمۇچ؛ قىزىلمۇچنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولسا كاپزائېستىن بۇلۇپ بەدەنسىكى ئەخلەتلەرنى پارچىلايدۇ، شۇڭا ، قىزىلمۇچ بولسا بۆرەكنى ساغلام قىلىدىغان يىمەكلىك.

تۇخۇم ئاقسىلى؛ تۇخۇم ئاقسىلى بولسا بەدەندە ئاقسىل ۋە فوسفور كەمچىل بولغاندا تۇلۇقلايدۇ، بىراق ئاقسىل تۇلۇقلىغىنى بىلەن فوسفور ماددىسى بەكلا تۆۋەن.

شىلەنخۇا؛ ئاساسلىق تەركىبى ۋىيتامىن ، مىنىرال ماددا، خىلوروفىل، كاروتىن قاتارلىق مول ئۇزۇقلۇق ماددىلىرى بار، شىلەنخۇۋا تەركىبىدە يەنە ئىدول، رودانىت قاتارلىق تەركىبلەرمۇ ئىنتايىن مول، بۇلارنىڭ ھەممىسى بەدەندىكى زەھەرنى تازلايدۇ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىدۇ، شىلەنخۇۋانى ئاددىي يىيىش ئۇسسۇلى بولسا پىشۇرغاندىن كىيىن ئازراق تۇر چېچىپ يىيىش.

كاللەكبەسەي؛ كاللەكبەسەي تەركىبىدە مول بولغان ۋىيتامىن C،E، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار بار، ۋىيتامىن مىقدارى چەيزىنىڭكىدىن 3 ھەسسە يۇقىرى، كاللەكبەسەينىڭ بۇ خىل مول ئۇزۇقلۇق ماددىلار بەدەندىكى ئەركىن رادىكالنى يوقىتىدۇ، بۇنى ئەڭ ياخشىسى سوغۇق سەي قىلىپ يىگەندە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بۇلىدۇ.

بېلىق گۆشى؛ بېلىق گۆشى ئاساسلىق ياللۇغلارغا قارىشى تۇرۇش نىسپىتى يۇقىرى بۇلۇپ، بۆرىكنى ئاسىراش ئىقتىدارىغا ئىگە، بېلىق گۆشى يەنە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ كىلىش مەنبەسى.

مېۋە شەربىتى؛ مېۋە شەربىتى،كۆكتات شەربىتى ھەممىسى بەدەندىكى زەھەرنى تازلاش ئىقتىدارىغا ئىگە، مېۋە شەربىتى تەركىبىدە يەنە مول بولغان ئۆسۈملۈك، خېمىۋىيلىك تەركىپلەر بار بۇلۇپ، بۇ بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئادىنى ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button